گېرمانىيىدە خىتاي جاسۇسلىرى ۋەقەسىنىڭ غۇلغۇلىسى

ئالدىنقى ھەپتىلەر، "ئەينەك" جۇرنىلى گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ 4 نەپەر خىتاي جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا ئاخبارات يەتكۈزۈۋاتقان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، "جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى"، "كۈندىلىك خەۋەر گېزىتى" ۋە ئاۋسترىيە "خەۋەر گېزىتى" قاتارلىق بىر قىسىم داڭلىق گېزىتلەردە، خىتايلارنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا ئائىت خەۋەرلەر بەس - بەستە ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بېرلىندىكى باش ئەلچىسى قاتارلىقلارنىڭ "ئەينەك" جۇرنىلىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى بوشۈن تورى 16 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، 2007 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى "ئەينەك" جۇرنىلى "سېرىق جاسۇس" تېمىسىدا بىر ئوبزور ئېلان قىلغان. بۇ ئوبزور گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىززەت - غۇرۇرىغا قاتتىق ھاقارەت بولۇپ تەككەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايدىكى زىيالىيلارنىڭ، ھەتتا خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، "ئەينەك" جۇرنىلى يەنە بىر قېتىم خىتايلارنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشىنى پاش قىلغان بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيىدە ئاز دېگەندە 20 دىن 50 قەدەر خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى "دۇنيا گېزىتى" مۇ ماقالە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقان 32 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىدىنلا گۇمانلىنىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇنىڭ بىلەن گېرمان پۇقرالىرىنىڭ ئېڭىدا خىتاي ئاتلىق مەۋجۇداتنىڭ ھەممىسىنىلا جاسۇس، دەپ قارايدىغان تۇيغۇ شەكىللەنگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى گېرمان پۇقرالىرى شۇنداق دېگەن: "تالىبانلار ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولغاچ، گېرمانىيە ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ئۇلارنى يوقىتىۋاتىدۇ. بىراق، شەرقىي تۈركىستانچىلار ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىلىقنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيىلىك قىممىتى بار."

خەۋەردە يەنە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈستىدىن گېرمانىيە پارلامېنتىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا شىكايەت قىلىپ، بۇ بۆلگۈنچى تەشكىلاتقا بېرىلىۋاتقان ماددىي ھەم مەنىۋى ياردەملەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايلارنى كەمسىتىش، خىتايلاردىن گۇمانلىنىش ۋە ئۇلارنى ئاشكارا مەسخىرە قىلىش گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي خاھىشى بولۇپ، خىتايلارغا قارشى گېرمان مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر خىتاي مىللىتىنىڭ ئوبرازىنى قاتتىق خۇنۈكلەشتۈرگەن.

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، فرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب يەرمەنكىسى توغرىسىدا گېرمانىيە 2 - تېلېۋىزىيە قانىلى ئىشلىگەن پروگراممىدا، دىكتور مارتېن ئەپەندىم خىتايلارنى ئاشكارا مەسخىرە قىلغان كۆرۈنۈشنى تاماشىبىنلار نەزىرىگە سۇنغان. مارتېن ئەپەندىم ھېچ ئىككىلەنمەي "بۇ خىتايچە كىتابلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنى غەربلىكلەرگە مەنسۇپ، خىتايلار بۇنى كۆچۈرۈپ بېسىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان" دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان. بۇ پروگرامما باشقا قاناللاردا كۆچۈرۈلۈپ تارقىتىلىپ، خىتايلارنىڭ ئىناۋىتىنى قاتتىق يەرگە ئۇرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي باش ئەلچىسى، ھەتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر ت ۋ قانىلىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ سالمىقى تور بەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، گېرمان پۇقرالىرى ھېچقانداق خىتايغا ئىشەنمەسلىكنى ۋە مۇھىم تېخنىكىلىق ئورۇنلاردا پراكتىكا قىلدۇرماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان پىكىرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلغان.

بولۇپمۇ، 4 نەپەر خىتاي جاسۇسىنىڭ ئۆيى ئاختۇرۇلغانلىقى مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر تېما بولۇپ، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە بەكرەك قىزىقماقتا. ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، بۇ 4 نەپەر جاسۇسنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، د ئۇ ق خادىملىرى گېرمانىيە ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورۇنلىرىغا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان.

پىكىرلەر (5)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯪﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﺳﯘﺱ ﺳﯩﺰﺩﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟

ﯪﺳﺘﺎ ﺳﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﯰﺧﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﯔ

Dec 22, 2009 01:53 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯰﻧﺪﺍﻕ ﯪﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﺎﻳﻠﻰ،، ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ،، ﯮﺯ ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﺯﻩﯰﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻟﺴﺎﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.. ﯲﺯﻩﻣﻼ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯩﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ،، ﻫﻪﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﯩﻨﯩﻜﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.. ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ،، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.. ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﺳﯘﺳﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﯲﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ..

Dec 20, 2009 10:28 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

،ﻳﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻤﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻤﯘ ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﯲﺯﻟﯩﮕﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺩﯦﺴﻪ ....ﻫﻰ ﻫﻰ ﻫﻰ

Dec 19, 2009 02:37 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

u ikki uygur zadi kimdu bak bilgim
ba ruhsat bolsa
man ozam xulani jazalisamka

Dec 19, 2009 01:54 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

Dunya Uighur kurulityining rehbarlikida putun dunyadiki Uighurlar tizdin therkatka utup uz ichmizge yushurlgan milliy satkunlarni tazlishimiz kirak,

Dec 18, 2009 11:16 PM

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

تولۇق بەت