گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار: بۇ ھېيت ھەقىقىي ھېيتتەك ئۆتتى

19-ئاۋغۇست دۇنيا پۈتۈن مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېيت كۈنى بولدى. ئەلۋەتتە؛ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2012-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر جامائىتى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا پەتىلەشتى. 2-12-يىلى 19-ئاۋغۇست، گوللاندىيە.
ئۇيغۇر جامائىتى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا پەتىلەشتى. 2-12-يىلى 19-ئاۋغۇست، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىلىرىدە بۇ خىل ھېيت-بايراملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن توپلىشىپ بايرام نامىزى ئوقۇش، بىر-بىرىدىن ھال سوراپ سالاملىشىش، ئۆز-ئارا تەبرىكلىشىش، دوستلار ۋە تۇغقانلار ئارا پەتىلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇندىكى پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھېيت-بايراملىرىنىڭ تەسىرىنى ئۇنتۇلغۇسىز تارىخقا ئايلاندۇرۇپ كەلدى.

شۇ قاتاردا؛ ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداپ قىلىش مەقسىتىدە ھىجرەت قىلغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل ھېيتلىق پەتىلەپ يوقلىشىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھېيت-بايراملىرىدا ئۆز-ئارا دوستلۇق، تۇغقاندارچىلىق ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش مەزمۇن قىلىنغان «ھېيت پەتىسى قىلىش» پائالىيىتىنى بۇ يىل ئەمەلىيلەشتۈردى.

تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن؛ يىللاردىن بىرى بۇ خىل ھېيت-بايراملىرىنى بىر يەرگە توپلىشىپ دىدارلىشىش، دوستلىشىش ۋە تونۇشۇشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلىرى بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈپ كەلگەن گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىل، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شەھەرلەردە توپ-توپ جامائەت بولۇشۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئائىلىلىرىگە ھېيتلىق پەتىلەپ ئۆتكۈزدى.

ئېگىلىشىمىزچە، گوللاندىيىنىڭ ئۈترىخت، دەنھاخ، ئامېستىردام، ئېندھوىن ۋە دەنھەلدىر قاتارلىق شەھەرلەردە ھېيتلىق پەتىلىشىشلەر بولغان. ئۆز دوپپىسى بىلەن دۇنيا مىللەتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بۇ ئۇيغۇر پەتىچىلەر، بۇ يىلقى ھېيت ھەقىقەتەن ھېيتتەك ئۆتتى دېيىشىپ، ئۆز ھاياجانلىرىنى ئاڭلاتتى.

گوللاندىيىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ھەر يىلى روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت پائالىيەتلىرىدە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر خىل پائالىيەت تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل «ھېيت پەتىسى» نى ئومۇملاشتۇرۇشتا يەنە ئالاھىدە رول ئوينىدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى ئۈترىختتىكى بىر يازلىق دالادا يىللاردىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئايلىق پائالىيىتىنى، بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق خۇشاللىقلىرىنى قۇتلۇقلاش مەزمۇن قىلغان پائالىيەت قىلىپ ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت