گوللاندىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى جانلانماقتا

يېقىندا گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە يېڭىدىن بىر ئۇيغۇر ئاممىۋى ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇلار "ئۇيغۇر سۇپپورت گۇرۇپ" يەنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى دەپ نام بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯘﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ
2009-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئاساسى نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشنى گوللاندىيىلىكلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە مىللى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلاپ پەيدىن - پەي ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق سىياسى - ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيىدە كەڭ تونۇلىشى ۋە قوللاشقا ئېرىشتى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر سۇپپورت گۇرۇپپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە ھازىرقى مەسئۇلى غەيرەت روزى  ئەپەندىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ئۇلار بىر قاتار تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئاخىردا گوللاندىيىدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىلىرى جايلاشقان خىزمەت بىناسىدىن بىر كىشىلىك ئىشخانىغا ئېرىشكەن ۋە پائالىيەت زاللىرى بىلەن تەمىن ئېتىلگەن.

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات خادىملىرى ۋە بىر قىسىم قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە 2 قېتىم ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان.

ئۇيغۇر سۇپپورت گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى غەيرەت ئەپەندىم، ئۆزلىرى قۇرغان بۇ ئۇيۇشما ۋە ئۇلار ئۆتكۈزگەن بۇگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بىز يەنە بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى، تايىر ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.

بىز ئاخىرىدا بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان گوللاندىيە مۇسۇلمانلار رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى ئالفەرد برۇ ئەپەندى بىلەن تېلېفۇن ئارقىلىق سوزلەشتۇق. ئۇ ئوز خىزمىتى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى چۇشەنچىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: "گوللاندىيەدە ھەر بىر دىنىي گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركەتلىرى بار بولۇپ، بۇ گوللاندىيەدە شەكىللەنگەن ئۆزگىچە بىر سىستېما. بىزنىڭ رادىئو - تېلېۋزىيە شىركىتىمىزنىڭ ئاساسى خىزمىتى گوللاندىيىدىكى ھەرقايسى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە مەسىلىلىرىنى يورۇتۇشنى نىشان قىلغان، بۇنىڭدا بىز ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش گوللاندىيىگە نىسبەتەن سانى ئاز ھېساپلىنىدىغان مۇسۇلمان خەلقلەرنىمۇ تونۇشتۇرىمىز. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت - سەنئىتىنى ۋە ئۆزگىچە ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىپ پەيدىن - پەي ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى مەسىلىسىنىمۇ يورۇتۇشقا ھەرىكەت قىلىمىز. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىق ۋە تەھدىتكە دۇچ كەلگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا ئەچىقىمىز. بۇنىڭ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئۇچۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىگە ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايمىز."

گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھرىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى يەنە بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى گوللاندىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار پىلانلارنى تۈزگەن بولۇپ بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت