گوللاندىيىدىكى 70 ئۇيغۇرنىڭ سىياسى پاناھلىق مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىدا

يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يوقتىن بارلىققا كەلسە، يەنە بەزى دۆلەتلەردە ئازدىن كۆپلۈككە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش قىيىنچىلىقى ھەسسىلەپ ئاشقان بولسىمۇ، گوللاندىيىگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدا تۆۋەنلەش بولمىغان؛ بۇنىڭ بىلەن گوللاندىيىدىكى شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرى جىددىيلەشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-02-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ Harry Van Bommel ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ Harry Van Bommel ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
http://harryvanbommel.sp.nl ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

يېقىنقى بىر يىلدا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە گوللاندىيىگە كېلىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سىياسى پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولماقتا. يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەسلىك مەسىلىسى، ئۇلارنىڭ لاگېردا ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

شۇڭا گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى، يېقىندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن گوللاندىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىغا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا بېرىپ گوللاندىيىگە 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن كەلگەن 70 ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى ۋە قىيىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت