گوللاندىيىدە بىرلەشمە يىغىن ئېچىلدى

"گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى" ۋە "گوللاندىيە تىبەتلەرنى قوللاش جەمئىيىتى "نىڭ ھەمكارلىقىدا، "گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى" نىڭ ئىشخانىسىدا خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئورتاق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق ۋە گۇرۇھلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىق يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009-09-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، "ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ" ﯞﻩ "ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ "ﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﯞﻩ ﮔﯘﺭﯗﻫﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، "ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ" ﯞﻩ "ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ "ﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﯞﻩ ﮔﯘﺭﯗﻫﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Yalqun

يىغىنغا "گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى"، خىتاي دېموكراتچىلىرى، تىبەت جەمئىيىتى، گوللاندىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، گوللاندىيە تىبەتلەرنى قوللاش جەمئىيىتى، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى قاتارلىق بىرقىسىم تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار باراۋەر، ئىتتىپاقلىق، بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كەلگۈسى خىزمەتلەرنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بىر مەسلىھەتكە كېلىشكەن.

يىغىندا "گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى" تەرىپىدىن تەييارلانغان 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا دائىر فىلىم كۆرسىتىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن. يىغىن جەريانىدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان "گوللاندىيە تىبەتلەرنى قوللاش جەمئىيتى "نىڭ مەسئۇلى يىغىن ھەققىدە تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: " خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئورتاق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تەرەپلەرنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئىدى، بۈگۈنكى بۇ تۇنجى قەدەمدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدىم. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى پەقەتلا بىر، ئۇ بولسىمۇ خىتاي كومۇنىستلىرى. ئۆز ئالدىغا ئايرىم پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ ئارىدىكى ئوقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەر ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر."

يىغىنغا خىتاي دېموكىراتچىلىرىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان تىبەت ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ماۋ شاۋمىڭ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ئۆزئارا تونۇشۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، مەن بۇ يەردىكىلەردىن شۇنى بايقىدىمكى بىز ھەممىمىز خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئىكەنمىز."

ئۇ سۆزىدە يەنە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كۈلپەت بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلدى، ئۆتكەن يىلى تىبەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بولسا بۇرۇن فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ، تىيئەن ئەنمېن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىدى، كىم بىلىدۇ ئەتە يەنە كىملەرنىڭ بېشىغا كېلىدۇ؟ خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەر دائىم مىللەتلەر ئارىسىغا زىدىيەت سېلىپ ئۇلاردىن ئۆزلىرى پايدىلىپ كەلدى. بۇ قېتىم خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سېلىپ، خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى مىللەتلەر ئارىسىغا ئىشتىرىپ قويدى. بۇ خىتاي كوممۇنىستلىرنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتلىرىنىڭ بىرىدۇر."

يىغىن تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان غەيرەت روزى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، يىغىن ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

غەيرەت ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشچە بۈگۈنكى بۇ يىغىندىن كېيىن گوللاندىيە تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بىر پروگرامما سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1- ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر مەزگىلدە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تەرقىتىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت