گۇما مۇكۇيلا يېزىسى ۋەقەسىگە ئائىت ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار

گۇما مۇكۇيلا يېزىسىدىكى توقۇنۇشتا، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئادىل ئابدۇۋەلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن، ساقچىلار چېگرادىن قاچماقچى بولغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەرىتىدە گۇمىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن. 2011-يىلى 29-دېكابىر.
خەرىتىدە گۇمىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن. 2011-يىلى 29-دېكابىر.
maps.google.com

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى كېچىدە گۇما ناھىيىسى مۇكۇيلا يېزىسىدا يۈز بەرگەن چېگرادىن قاچماقچى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا، گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ئابدۇۋەلى، تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، 28-دېكابىر چارشەنبە كۈنى كېچىدە گۇما ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ساقچىلاردىن بىر كىشى ئۆلۈپ، ئىككى ساقچى يارىلانغانلىقى، 7 كىشى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، بىز گۇما ناھىيىسىدىكى پۇقرالار، ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، ناھىيىلىك قاتناش ساقچى ئەترىتى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

تېلېفونىمىزنى ئالغان گۇما ناھىيىسىدىكى پۇقرالار گۇما ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇخبىرنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

گۇما ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسىمۇ، گۇما ناھىيىسىدە ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ چارشەنبە كۈنى كېچىدە بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئەگەر مۇخبىر ئۇنىڭغا تېلېفون نومۇرىنى قويۇپ قويسا، ئۆزىنىڭ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ۋەقە ھەققىدە مۇخبىرغا ئۇچۇر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ھەم ناھىيىلىك قاتناش ساقچى ئەترىتىدە كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ساقچىلار چارشەنبە كۈنى كېچىدە گۇمىنىڭ پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىغا تۇتىشىدىغان تاغلىق رايوندىكى مۇكۇيلا يېزىسىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ئابدۇۋېلىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى، جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 7 كىشىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ دىجورنى خادىمى، ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋەقەنىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسىدا چارشەنبە كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ دىجورنى خادىم ئۆز بايانىدا، چارشەنبە كۈنى كېچىدە مۇكۇيلا يېزىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ئابدۇۋەلىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا، پىچاق ھەم پالتا قاتارلىقلار بىلەن ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن، بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، توقۇنۇشتا چېگرادىن قاچماقچى بولغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككى كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى خادىملىرىنىڭ، قولىدا پىچاق قاتارلىقلاردىن باشقا قارشىلىق كۆرسىتىش قورالى بولمىغان كىشىلەرنى، «تېررورچى ياكى تېررورلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى» دېگەن باھانىدە ئېتىپ تاشلىشىنىڭ «ساقچىلارنىڭ زىيادە كۈچ قوللانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

ئەمما مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ساقچىلىرى ئېڭىدا پىچاق، كالتەك، پالتا قاتارلىقلار ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ ئېتىۋېتىشى قانۇنغا ئۇيغۇن ھەرىكەت دەپ قارىلىدىكەن.

گۇما ناھىيىلىك قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى مۇخبىرنىڭ «تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ پىچاق ۋە پالتىدىن باشقا قارشىلىق كۆرسىتىش قورالى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلىشىنىڭ «زىيادە كۈچ قوللانغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولمامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى پىچاق، كالتەك قاتارلىق قوراللارنىڭمۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەگەر مۇخبىر تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئىگىلىمەكچى بولسا ناھىيىگە كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

گۇما ناھىيىلىك قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى نازارىتىدىن ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ كېچە كۈندۈز چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گۇما ناھىيىسىدە ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى كۈندىن بۇيانقى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، ۋەقەدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ۋە باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت