گۇما ناھىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان فىلىمى كۆرگەن يەرلىك پۇقرالار تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇمان ناھىيىسىدىكى بىر يېزىدا سىياسى سەۋەبلەردىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەردە پۇقرالارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دائىر فىلىم كۆرگەنلىك سەۋەبى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-04-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯜﭼﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯜﭼﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەرلىك يېزا پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى 2009 - يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسى خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېڭىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ۋەقە يېقىندا گۇما ناھىيىسىنىڭ باشلەڭگەر يېزىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر يېزىدا بىر تۈركۈم يەرلىك ئامما مەزمۇنى سەزگۈر سىياسى مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان ۋىدىئو فىلىمى كۆرۈۋاتقاندا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ باسقۇنىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى مەلۇماتىدا پۇقرالارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان مەزمۇندىكى ۋىدىئو فىلىمى كۆرگەنلىك سەۋەبى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، 5 كىشىنىڭ "بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 37 نەپەر كىشىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە جەرىما قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان ۋىدىئو فىلىمىنىڭ كونكرېت قايسى مەزمۇندىكى فىلىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا بۇ ۋەقەنى پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا قىلىنغان زىيانكەشلىك، دەپ تەنقىد قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە باش لەڭگەردىكى ۋەقەدە تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلار ئىچىدە يېزا ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ 14 نەپىرىنىڭ يېزا كادىرى، 3 نەپىرىنىڭ كەنت كادىرى ئىكەنلىكىنى ئىگىرى سۈرگەن. بىز ۋەقەگە دائىر تەپسىلى ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن باشلەڭگەر يېزىسىدىكى ساقچىخانا ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن يەرلىك دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

بۇ جەريانىدا گۇما ناھىيىسىدىكى باشقا بىر يېزىنىڭ بىر ساقچىخانا مەسئۇلى باشلەڭگەردىكى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا دائىر سوئاللىرىمىزنى جاۋابسىز قويدى.

دائىرىلەر 2008 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئائىت يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويغان بولۇپ، بەلگىلىمىگە ئاساسەن مۇسۇلمان ئامما يەرلىك دائىرىلەرگە "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر" بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەدىنامە تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. دائىرىلەر بۇ بەلگىلىمىدە جامائەت بىرگە ناماز قىلىش، توي - تۆكۈندە خەتمە قىرائەت قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ 23 تۈرلۈك ئىبادەتنى "قانۇنسىز پائالىيەت"، دەپ بەلگىلىگەن ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلار مۇتەخەسسىسى سوفىيە رىچاردسون خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى يۇقىرىقى سىياسىتىنى شەخسلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئارلىشىۋالغانلىقتۇر، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ ئامېرىكا بروكىڭز ئىنىستىتۇتىدا سۆزلىگەن يېقىنقى بىر دوكلاتىدا "كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك شەخسىي ئىبادىتىگە ئارىلىشىۋالىدىغان بۇ تۈردىكى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، دىنىي ئىبادەتنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دېگەن ناملار بىلەن چەكلەشنى قانداقمۇ قانۇنلاشتۇرغىنى بولسۇن،" دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇپلا قالماي دىندارلارنى ئىقتىسادى ۋاسىتىلەر بىلەن جازالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا دائىرىلەر ۋەدىنامىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلماي دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان دىندارلارغا كىرىمىنىڭ 50 % ئى، بەزىدە 100 گە قەدەر جەرىمانە قويماقتىكەن. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى رايوندىكى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشكە چاقىردى.
 
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى رىچاردسون خانىم، بروكىڭز ئىنىستىتۇتىدىكى دوكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ سىياسىتى رايوندا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن ": مېنىڭچە رايوندىكى بۇ چەكلىمىلەر خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى ناھايىتى چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتكەن. ئەگەر بۇ چەكلىمىلەر بولمىغان بولسا ئۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەت بۇنچىلىك بولۇپ كەتمىگەن بولار ئىدى. مېنىڭچە مەيلى شىنجاڭدا مەيلى لاسادا بولسۇن بۇ ئەھۋالنى تۈزىتىشكە ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىللەر كېتىدۇ."

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت