خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى چەكلىمەكتە

2004-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

روزى ئايلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەجگە مېڭىش تەييارلىقلىرى جىددىي باشلىنىپ كەتتى. بۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئاۋالقى يىللارغا ئوخشاش ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن گۇرۇپپىلارغا ئەگىشىپ ياكى شەخسىي يوللار بىلەن ھەجگە بېرىشقا تەييارلاندى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا ھەر يىلى بەلگىلىك سان بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەج قىلىشىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىش بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان، شەخسىي يوسۇندا 3- دۆلەت ئارقىلىق ھەرەمگە بېرىشقا تەييارلانغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرىدىن قايتۇرۇپ ئەكىرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

چېگرىدىن قايتۇرۇلغان

گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ مەزكۇر ئاگېنتلىققا ۋە رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاتۇش شەھىرى ۋە ئاقتۇ ناھىيىسىدە شەخسىي يوسۇندا ئۆز ئالدىغا ھەرەمگە بېرىشقا تەييارلانغان 43 كىشىنى چېگرىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ھەمدە بۇنى ئۇيۇشتۇرغان كىشىنى قولغا ئالغان ئىكەن.

مەخپىيەتلىك

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئاقتۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ بىزگە بۇ ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئەمما بۇ يەردىكى ساقچى خادىملىرى بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە بىزگە بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويىۋەتتى.

ئاندىن بىز تېلېفونىمىزنى يەنە ئاتۇش شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ساقچىخانىغا ئۇلىدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر ئۇيغۇر ساقچى بۇ ۋەقەدىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئەمما ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن شەخسىي يوسۇندا ھەجگە مېڭىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆكۈمەتنىڭ قائىدىلىرى

بۇ ساقچى ئېتىراپ قىلغىنىدەك، ئەگەر كىشىلەرنىڭ 3- دۆلەت ئارقىلىق ھەجگە مېڭىشقا ئۇرۇنىشى پاش بولۇپلا قالسا، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ سەپىرىنى شۇ زامانلا توختىتىدىكەن ھەمدە ئۇلار قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئارقىلىق ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەتكۈزىدىكەن. بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاتۇش شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىشخانىسىغىمۇ تېلېفون قىلدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت