خىتايدا ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىلغان " ھەج " ئىبادىتى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ

2007-04-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

CHINA_XINJIANG_MOSQUE_200.jpg
قەشقەر، ھېت-گاھ مەسچىتىدە، ئۇيغۇرلار نامازدا. AFP PHOTO/Frederic J. BROWN. / Id Kah Mosque in Kashgar, September 17, 2003

مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، قەشقەردە "تارقاق ھەج - قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت"، " تارقاق ھەجنى توسۇپ تەشكىللىك ھەج قىلىش يولىغا ماڭايلى " دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار مەيدانغا كەلدى.

گېزىتلەرنىڭ ئىنكاسى

25 ‏- ئاپرىل كۈنى " بوشۇن ئېلېكترونلۇق گېزىتى" دە قەشقەر دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېمىغا " تارقاق ھەج قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت" ۋە " تارقاق ھەجنى توسۇپ، تەشكىللىك ھەج قىلىش يولىغا ماڭايلى" دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنىڭ ئېسىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىكەڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەسچت سېلىپ بېرىش، دىنىي مەدرىسلەرنى تەسىس قىلىشقا يول قويۇش شۇنىڭدەك يىلىغا ئۆمەك تەشكىللەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم پەرزلىرىدىن ھېسابلانغان ھەج پائالىيىتىگە قولاي شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىزچىل تۈردە تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.

"بوشۇن ئېلېكتىرونلۇق گېزىتى" تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، قەشقەردە "تارقاق ھەجنى توسۇپ، تەشكىللىك ھەج قىلىش يولىغا ماڭايلى " دېگەن شۇئارنىڭ تەشەببۈس قىلىنىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ، تارقاق ھەج قىلىشىنى توسۇپ، پەقەت ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن گۇرۇپپىلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەج ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يول قويىدىغانلىقى، ئۆز ئالدىغا شۇنىڭدەك ئىختىيارى ئېلىپ بارغان ھەج پائالىيىتىنى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت دەپ ھېسابلايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

شەخىسلەرنىڭ ئىنكاسى

بىز قەشقەر شەھىرىدىكى مەلۇم ئائىلىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ، بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ھەج قىلىش ئارزۇسىنىڭ بار ‏-يوقلۇقى ھەمدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان ھەج پائالىيىتى ۋە تارقاق ھەج پائالىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى سورىدۇق. بۇ خانىم، ئالدى بىلەن بىزنىڭ كىملىكىمىزنى، قەيەردىن تېلېفۇن ئۇرغانلىقىمىزنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، جىددىي ۋە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە سۇئالىمىزغا جاۋاب بەردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى بۇ خانىمنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ بېسىملىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىزگە پۈتۈنلەي ساختا ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى، گەرچە ھۆكۈمەت ھەر يىلى ھەج گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ساننىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇردىن باشقا تۇنگان قاتارلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن سان بىلەن، يەنىلا ساناقسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج نىيىتىگە يېتەلمەي، ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش يولىغا مېڭىپ، نەتىجىدە ھۆكۈمەتنىڭ "قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان" دېگەن قالپىقى بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر، ئاتا - ئانىسى دۇچ كەلگەن كەچۈرمىشلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان گۇئاڭدۇڭدىكى بىر خرىستئان خىتاي، نۆۋەتتە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەر قانداق دىنىي ھەرىكەتنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۈر خىتاي خرىستىئان مۇرىتى سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە كوممۇنىست پارتىيە ‏- ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يوق فاشىستىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئۆلىمالىرىنى، سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇپ، مۈددەتسىز قاماق جازاسى ۋە ئۆلۈم جازالىرى بىلەن جازالاپ، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت