ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مودېلىمۇ؟

2006-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
sowet-doletler-birliki-200.jpg
تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسسىيە، ئارمىنىيە، بېلرۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى 15-ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيىنىڭ سوچى شەھىرىدە. AFP

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئىستىراھەت رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان قارا دېڭىز بويىدىكى سوچى شەھىرىدە 15-16-ئاۋغۇست كۈنلىرى ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى جەم بولۇپ، بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ نارەسمىي ئۇچرىشىشقا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ساھىبخانلىق قىلغاندىن سىرت قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ ۋە بېلارۇسىيە، تاجىكىستان پرېزىدېنتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يىغىنغا ئەرمىنىيە پرېزىدېنتى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ئۆزى قاتناشماي، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باش مىنىستىر يانكوۋىچنى ئەۋەتكەن.

ئورتاق تاموژنا قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

رۇسىيىنىڭ " نەۋسرۇ" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىن جەريانىدا ياۋرو- ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ تەركىبىدە ئورتاق تاموژنا ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تېزلىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك ھالدا رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ مەسىلە بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تەييارلاش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن شۇنىڭدەك يەنە دۆلەت باشلىقلىرى ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ رامكىسى ئاستىدا بىرلىككە كەلگەن ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قىسقىغىنا يېرىم يىل ئىچىدە ئورتاق تاموژنا ئىتتىپاقى قۇرۇش كېلىشىمىگە قول قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يىغىن جەريانىدا ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ھەم بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، يىغىن مەزگىلىدە رۇسىيە ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرى رۇسىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ ئاتوم يادرو ساھەسىدىكى ھەمكارلىق بويىچە بىرلەشمە شىركەت قۇرۇشىغا ئائىت ئۈچ مەقسەتنامە ئىمزالىدى.

يىغىندا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ سۇ مەسىلىسى، بولۇپمۇ سۇ ئېنېرگىيىسى مەسىلىسى ئالاھىدە مۇزاكىرە تېمىسى بولغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇ مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق مەملىكەتلەر ئۈچۈن زور مەسىلىگە ئايلانغان، ھەتتا خىتاينىڭ ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى بوغۇۋېلىشىمۇ قازاقىستان ھەم رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان ئىدى.

ئۆزبېكىستان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېڭىشى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولدى

ياۋرو ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ يىغىنى جەريانىدا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ رولى ۋە ئۇنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ۋلادىمىر پۇتىن " بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى زور "دەپ بىلدۈردى. يىغىن جەريانىدا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىردەك ھالدا ئۆزبېكىستاننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىدى.

كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم 1992-يىلى تاشكەنتتە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۆزبېكىستان ئۇنىڭغا ئەزا بولغان. ئەمما، ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەندىن كېيىن، ئىسلام كەرىموپ رۇسىيە ئارىلاشقان ھەر قانداق رايون خاراكتېرلىق تەشكىلاتقا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن. لېكىن، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ، ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئىسلام كەرىموپ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا تىرىشتى شۇنىڭدەك رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسىگە قول قويدى. مانا ئەمدى ئۇ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا قايتىدىن ئەزا بولدى.

"نەۋس.رۇ" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۆزبېكىستان تېخى ئۆتكەن يىلىغا قەدەر مەزكۇر تەشكىلاتتىن ئۆزىنى نېرى تۇتۇپ كەلگەن ئىدى.

ھەممىنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى بار

ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى بار. بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئىنكاسلار مەۋجۇت، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر تەشكىلاتنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جۈملىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىرىنى تىكلەش ھەتتە ئۇلارنى موسكۋانىڭ ئەتراپىغا توپلاش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىماقتا. رۇسىيىنىڭ "سترانا.رۇ" خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ۋلادىمىر پۇتىن ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ يېقىن بىرلىككە كېلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ۋە قايتا تەشكىللەش شۇنىڭدەك كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى ھەمدە ئورتاق تاموژنا ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سابىق سوۋېت دەۋرىدىكى قۇدرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى ھەمدە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشىنى چەكلىمەكچى بولغان دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى شۇنىڭدەك كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدىن كۆزلىگەن مەقسىتى بار بولۇپ، بۇنىڭدا ئىقتىسادىي پايدىغا قارىغاندا، سىياسىي مۇددىئا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.

پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان. بىراق، ئەگەر ئورتاق تاموژنا ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلسا، ئۇ چاغدا ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەركىن سودا قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى ۋىزا تۈزۈمىنى بىكار قىلىش شۇنىڭدەك ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلىرى پۇقرالىرى ئارىسىدا ئەركىن بېرىپ-كېلىشكە رۇخسەت قىلىنىشقا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال ھەتتا ئىسلام كەرىموپنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.

ئەلۋەتتە، يەنە قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە بېلارۇسىيىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى مەۋجۇت بولۇپ، بۇلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي مۇقىملىقتىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىمۇ كۆزلىگەن بولۇپ، ئۇلار رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، قىرغىزىستان بۇلار ئىچىدىكى بىردىن-بىر دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت