شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالى سوتچىلار يىغىنى "ئۈچ خىل كۈچلەر" نى مۇزاكىرە قىلىدۇ

2006-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
shht-shanghai-200.jpg
سولدىن ئاڭغا: ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبەك باقىيېف، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى رەخمانوپ 14 – ئىيۇل كۈنى شاڭخەيدە. AFP

جوڭگو دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى كېلەر ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە شاڭخەيدە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالى سوتچىلار يىغىنىدا تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەركىزى تېما بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جوڭگو ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەن ئېشياڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە، جوڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنى ئاساس قىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ئالى سوتچىلىرى " ئۈچ خىل كۈچلەر"، چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەر ۋە تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. ئەگەر بۇ يىغىن ۋاقتىدا توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلسا، بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ئالى سوتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن يىغىنى بولۇپ قالغۇسى.

بۇ يىغىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان

كۆزەتكۈچىلەر، ئالى سوتچىلارنىڭ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىغىننىڭ ئالما-ئاتا ۋە غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مانىۋېر ۋە پاكىستان بىلەن ئىمزالانغان تېررورىزمغا قارشى كېلىشىمگە ئوخشاشلا روشەن دەرىجىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىقى بار، دەپ ئانالىز قىلىشماقتا. ئامېرىكىدىكى بىر قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈكەلنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىن ئەڭ كۆپ خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر" نى رايوندىكى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق تەھدىت، دەپ قارىماقتا ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنىڭ بىرى بۇ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش، دەپ ئەسكەرتمەكتە.

ۋەن ئېشياڭ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا "بىز ئەنئەنىۋى ۋە غەيرى ئەنئەنىۋى تۈستىكى جىددى رىقابەت ۋە تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمەكتىمىز. ئەدلىيە ھەمكارلىقى بۇ تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىم يوللىرىدىن بىرى،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ‏- 20 سېنتەبىردىن 22 - سېنتەبىرگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىن "ئەدلىيە باراۋەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى،" دېگەن تېما ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كەلمەكتە

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە خىتايلار بۇ ئورگاندىكى دۆلەتلەر بىلەن جىنايەت گۇمندارلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىملەر بويىچە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى ياكى بۆلگۈنچى، دەپ ئەيىبلەنگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ھازىرغا قەدەر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى سانىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.

ئالى سوتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەن ئېشياڭ،" مېنىڭچە بۇ يىغىن ئارىمىزدا ئىمزالانغان بۇ ھەقتىكى كېلىشىملەرنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن،" دەيدۇ.

ئاخىرقى 3 ئاي ئىچىدە ئۆزبېكىستان كانادا پۇقراسى ھۆسېيىن جېلىلنى، قازاقىستان يۈسۈپ قادىر بىلەن ئابدۇقادىر سىدىقنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى جوڭگو قانۇنىدا "جىنايەت" ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر سىياسى دەۋاسىنى، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىچكى قانۇنىدا "جىنايەت ئامىلى" غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يول ھازىرلاشتۇر.

خىتاينىڭ ش ھ ت دىكى دۆلەتلەردە يەتمەكچى بولغان نىشانىغا يېتىشى قىيىن ئەمەس

شاڭخەي كېلىشىمىدىكى دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1996 - يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 2001 - يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەرەققى قىلغان يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى بۇ ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى ۋە تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن مىلىتانت ئىسلامغا قارشى تۇرۇش، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىقتىن ھەربىي مانىۋېر ۋە " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىشكىچە بولغان مەسىلىلەرگە كېڭەيدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەلىپىگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بەرمەكتە ۋە خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئۇيغۇر سىياسى مۇساپىرلارنى شىددەتلىك ۋە شەپقەتسىزلىك بىلەن جازالىماقتا، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى.

ۋەن ئېشياڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ تەنقىدلەرنى ۋاسىتىلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى "پۈتۈن ئەزا دۆلەتلەر بۇ كۈرەشتە ئەدلىيىنىڭ ئادىل بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە،" دەيدۇ. نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگونىڭ ئالى سوتچىلار يىغىنىدا يەتمەكچى بولغان نىشانىنى بۇ دۆلەتلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن، دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن. ئۇ، "ئەگەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرگە مەلۇم ئىمتىيازلار بېرىلسە، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەردە يەتمەكچى بولغان نىشانىغا يېتىشى قىيىن ئەمەس،" دەيدۇ.

بۇ يىغىننىڭ تېمىسى "ئۈچ خىل كۈچلەر" مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن چەكلەنمەسلىكى مۇمكىن. ۋەن ئېشياڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يىغىندا تەرەپلەر تېررورىزم ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايى ھەرىكەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىر قاتاردا، بۇ دۆلەتلەردىكى قانۇن سېستىمىسىنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت