جورج بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئاق ساراي ئالدىدا قىلغان سۆزلىرىدىن تەرمىلەر

2006-04-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
hujinta-bush.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى 20 – ئاپرىل كۈنى ئاق ساراينىڭ بالكونىدا. AFP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۈگۈن ئەتىگەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاق ساراي ئالدىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋالدى ھەمدە مەزكۇر كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا، مەخسۇس سۆز قىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ سۆزىدىن كېيىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ سۆز قىلدى.

بۇش: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتىمىز

پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىق مەسىلىسى، ئېنېرگىيە مەسىلىسى، دۇنيا بىخەتەرلىكى مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالغان. مەسىلەن سودا مەسىلىسىدە، پرېزىدېنت بۇش" ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا شىركەتلىرىگە خۇددى ئامېرىكىدىكى خىتاي شىركەتلىرى بەھرىمان بولۇۋاتقان رىقابەتلىشىش ھوقۇقىغا ئوخشاش ھوقۇقنى بەرسە، ئۇنداقتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى يەنى مەملىكەت ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۆپلەپ كىرىشى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇشتا تېخىمۇ ماسلىشىشچانلىق بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈتىمىز " دەپ بىلدۈردى:

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە " خىتاي ۋە ئامېرىكا دۇنيادا تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ مەيلى سودا ئىشلىرىدا بولسۇن ياكى بىخەتەرلىك سەھىيە، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىتنى قوغداش مەسىلىلىرىدە بولسۇن زىچ ھەمكارلىشىشى، زور ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ بىزنىڭ سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىز ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىغىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ زور ئاساس يارىتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىشتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوج بۇش خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم تالاش ‏- تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە سەمىمىي پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە، خىتاي خەلقى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇ ھەقتە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوج بۇش سۆزىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا يەنە " خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجە قازىنىشى خىتاي خەلقىنىڭ سېتىش، سېتىۋېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئەركىنلىككە چىققانلىقىدىن، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىغە ئەركىن ھالدا بىر يەرگە يىغىلىش، ئۆز ئوي -پىكىرلىرىنى ئەركىن بايان قىلىش، ئۆز ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلەش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بەرسە، ئۇنداقتا خىتاي تېخىمۇ زور غەلىبىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

خۇجىنتاۋ: تەيۋەن مەسىلىسى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاقساراي ئالدىدا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئۇ پەقەت " بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۆز‏ - ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز " دەپ بىلدۈردى :

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاقساراي ئالدىدا قىلغان سۆزىدە تەيۋەن مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ " تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئۇنى خىتايدىن ئايرىۋىتىشىگە يول قويمايمىز" دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ "بىر جۇڭگو سىياسىتى " نى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ " بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا، مەيلى قايسى تەرەپ بولسۇن، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىمىز. بىز تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپنى ئۆز ئارا توقۇنۇشماسلىققا، قارشىلىشىپ قالماسلىققا ئۈندەيمىز. بىز تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ بولۇشىغا ئىشىنىمىز" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت