خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتىگە قارىتا ئىنكاسلار

2006-09-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
hujintao-kashgar.jpg

دۈشەنبە كۈنى، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ھەمدە باشقا مەتبۇئاتلار، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ باشلىق بىر قىسىم ئالىي دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ 6 - ئاۋغۇستتىن، 11 - ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس زىيارەتتە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ زىيارىتى ئاخىرلاشقاندا خەۋەر قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ باشلىق بۇ مەركەزنىڭ زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قارىماي، خوتەن، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ھەمدە مۇھىم زاۋۇت، كارخانىلاردا ھەمدە خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دېۋىزىيىلىرىدە زىيارەتتە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېچىشقا تېگىشلىك بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايدىن ئايرىلالمايدۇ، خىتايلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ‏- ئارا ئايرىلالمايدۇ دېگەن ئىدىيە بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ھەمدە مۇقىملىقنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇشنى قاتتىق تەكىتلىگەن.

شىنخۇئا تورىدا بېرىلگەن سۆرەتلىك خەۋەرگە قارىغاندا، خۇجىنتاۋ يەنە، خوتەننىڭ بەزى يېزا - كەنتلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىمۇ زىيارەت قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، باي بولغانلىقىدىن خوش بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

دېھقانلار "خۇ جىنتاۋ كەپتۇ، كۆرۈشمىدۇق، بايلارنىڭكىگە تەشۋىقات ئۈچۈن ئاپىرىپتۇ"

بىراق بىز دەل خۇ جىنتاۋ يوقلاپ ئۆتكەن خوتەننىڭ مەلۇم كەنتىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئەمەلىيەتتە خۇ جىنتاۋ زىيارىتىنىڭ يەنىلا قۇرۇق تەشۋىقات ئۈچۈن ياسالمىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ دېھقانلارغا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلىقى ئاشكارىلاندى.

خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟

گەرچە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتى "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش" دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر پەيتتە ئۇنىڭ بۇ بەش كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ مەخپى تۇتۇلغانلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭ 11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقىغا توغرا كېلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارەت مەقسىتىگە نىسبەتەن گۇمانلارنى قوزغىماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت