ئاق ساراي ئالدىدا يۈز بەرگەن خۇ جىنتاۋغا قارشى ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇرچە كىيىنىپ قارشى ئېلىشلار

2006-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
fake_tibetans_and_uyghurs-2.jpg
ئۇيغۇرچە ۋە تىبەتچە كىيىنگەن خىتايلار ئاق ساراي ئالدىدىكى چىمەنزارلىقتا خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىش ئالدىدا. RFA/Yeshi Tashi Chongaytip Körüsh

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 20 ‏- ئاپرىل كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاق ساراينىڭ چىمەنلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا "مەن مۇشۇ ئىللىق باھاردا ئۇلۇق ئامېرىكا خەلقىغە 1 مىليارد 300 مىليون خىتاي خەلقىنىڭ سالامىنى ئېلىپ كەلدىم' دەپ سۆزىنى تېكىستكە قارىماي باشلىغاندا، مۇراسىمغا قاتناشقان كىشىلەر ئىچىدىن بىر خانىم خۇ جىنتاۋغا قارىتا ئۈنلۈك ۋارقىراپ چۇقان سالغانلىقى ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋ بىردەم توختاپ قېلىپ، ئاقساراي ساقچىلىرى خۇ جىنتاۋنى سۆكۈپ چۇقان سالغان خانىمنى تۇتۇپ مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتقان ئادەملەر ئالدىدىن ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ يانچۇقىدىن ئالدىن تەييارلانغان سۆز تېكىستىنى چىقىرىپ قايتىدىن 'خانىملار، ئەپەندىلەر ... 'دەپ ئاۋازىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ تېكىست ئوقۇشقا باشلىغان ئىدى.

ئاقساراينىڭ چىمەنلىكىدىكى نارازىلىق

'خىتاي ئۇچۇر مەركىزى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ چىمەنلىكىدە بىر خانىم توساتتىن فالۇنگوڭ بايرىقىنى چىقىرىپ، ئۈنلۈك ۋارقىراپ ئىنگلىزچە "پرېزىدېنت بۇش، سىز خۇ جىنتاۋنىڭ ئادەم ئۆلتۈرىۋىرىشىگە يول قويماسلىقىڭىز كېرەك' دەپ توۋلىغان. بۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە خىتايچە 'فالۇنگوڭغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتسۇن' دەپ توۋلىغان. بۇ چاغدا ئاقساراينىڭ چىمەنلىكىدىكى مۇراسىمدا تۇرغان ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ھەممە ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرى ئاقساراي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىۋاتقان بۇ خانىمغا مەركەزلەشتى. بۇ ۋەقەدىن كېيىنلا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلاردىن 'نيۇيورك تايمىس' ، 'ۋاشىنگتون پوست' گېزىتلىرى خۇ جىنتاۋنى ھاقارەتلىگەن ۋاڭ ۋېنيى خانىمنىڭ رەسىمىنى باش بەتكە بېسىپ چىقاردى.

كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قەھرىمانغا ئايلانغان ئايال

ھازىر ئامېرىكىنىڭ شىمالى كارولىنا شتاتىدا تۇرىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇشۆيۇئەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاقسارايدىكى مۇراسىمدا تېكىستكە قارىماي مەغرۇرلىنىپ سۆزلەۋاتقان خۇ جىنتاۋغا چوقان سېلىپ، ئۇنى ئالاقزادە قىلىپ، خۇ جىنتاۋنى قايتىدىن ئالدىن تەييارلانغان تېكىستنى چىقىرىپ خەتمۇ-خەت ئوقۇشقا مەجبۇر قىلغان فالۇنگوڭچى خانىمنىڭ ئىسمى ۋاڭ ۋېنيى. ئۇنىڭ چوقان سالغاندا 'خۇ جىنتاۋ ئەگەر سەن فالۇنگوڭغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتمىساڭ، سىنىڭ كۈنىڭ ئاز قالدى' دېگەن گەپنىمۇ قىلغان.

ۋاڭ ۋېنيى خانىم بېيجىڭدىن كەلگەن، ئامېرىكىدا مېدىتسىنا بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ ھازىر نيۇيورك شەھىرىنىڭ مەنخاتون رايونىدا بىر دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى خىتاي پۇقراسى، فالۇنگوڭچە نەپەس مەشقى قىلىدۇ. ۋاڭ خانىمنىڭ ئاتىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يا پاسپورتىنى ئۇزارتىپ بەرمىگەن يا ۋىزا بەرمىگەنلىكتىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن ۋىدالىشالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلماقتا. ۋاڭ خانىم بۇ قېتىم ئاق ساراينىڭ چىمەنلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەشھۇر مۇراسىمدا خۇ جىنتاۋنى سۆككەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر جەمئىيەتتە قەھرىمان سۈپىتىدە تونۇلدى.

ئاقساراينىڭ چىمەنلىكىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسىلەر

جۇشۆيۇئەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاقسارايدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان دۆلەت باشلىقلىرىنى قارشى ئېلىش مۇراسىملىرىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمىنى مۇۋاپىقيەتلىك بولمىغان بىر قېتىملىق مۇراسىم دېيىشكە بولىدۇ. 20 ‏- ئاپرىل كۈنىدىكى بۇ مۇراسىمدا يەنە 'جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى' نىڭ دۆلەت شىئېرى ئورنىغا 'جوڭخۇئا جۇمھۇرىيىتى' يەنى تەيۋەننىڭ دۆلەت شىئېرى ئورۇنلىنىدىغان ھادىسىمۇ يۈز بەردى.

بۇشنىڭ سۆزىنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمانمۇ 16 قېتىم كېكەچلىشىپ قالدى. ھەتتا تەرجىمىدە سۆز مەزمۇنىنى چۈشۈرۈپ قويۇپ، كېيىنكى قېتىمدا تۇلۇقلاپ قويىدىغان ھادىسىمۇ يۈز بەردى. تەرجىماننىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاقساراي ساقچىلىرىنىڭمۇ يۈز بەرگەن ھادىسىنى بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولدى. تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئاقسارايدىكى چىمەنلىكتە سۆزىنى تۈگىتىپ ئۆزىچە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ماڭغاندا، بۇش ئۇنى چاپىنىدىن تارتىپ توختىتىۋالغان كۆرۈنۈشلەرمۇ بار. يۇقارقىدەك ھادىسىلەر بۇرۇن ئاقساراينىڭ چىمەنلىكىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان.

'كۆزۈتۈش جۇرنىلى' دا بايان قىلىنىشىچە، ئاقساراينىڭ چىمەنلىكىدە يۇقىرىقىدەك ھادىسىلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، مۇخبىرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بۇ ۋەقەگە قانداق قارايدىغانغانلىقىقىنى سورىسا، ئۇلار نىڭ ھەر ھەممىسى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلىپ 'مەن ھازىر بەك ئالدىراش' دېگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگەللىشىچە، 20 ‏- ئاپرىل كۈنى ئاقاساراينىڭ ئەتراپىدا پائالىيەت قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش قىلىدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ فالۇنگوڭچىلار بولسىمۇ، ئەمما ئاقسارايغا كىرىدىغان مۇھىم ئىشىكلەر ئالدىدىكى پىيادىلار ماڭىدىغان يېقىن يوللارنىڭ ھەممىسىنى خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئادەملەر ئىگەللىۋالغان.

قارشى ئېلىش ئۆمەكلىرى ئىچدىكى ئۇيغۇرچە ۋە تىبەتچە كىيىنگەن خىتايلار

ئاقساراينىڭ غەربىي شىمال ئىشىكى تەرەپتىكى باغدا نامايىش قىلىۋاتقان تەيۋەنلىك يېشىلچىلار، تېبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ ھەرخىل ئۇسۇل ئويناپ خۇ جىنتاۋنىڭ ئاقسارايدىكى زىيارىتىنى تەنتەنە قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئادەمنىڭ تېبەتچە ۋە ئۇيغۇرچە كىيىنىپ تېبەتچە ياكى ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقى، تەيۋەن، تېبەت ۋە ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. ئۇلار 'خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە دېگەن نۇمۇسسىز، بۇلار ھەتتا خىتايلارغا تېبەتچە، ئۇيغۇرچە كېيىم كىيگۈزۈپ، ئۇلارنى تېبەت، ئۇيغۇر قىلىپ ياساپ چىقىپ، ھېچبىر نۇمۇس قىلماستىن ئۇچۇق -ئاشكارا ھالدا مانا بۇلار تىبەتلەر ، ئۇيغۇرلار دەپ دۇنيانى ئالدىماقچى بولغان، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك' دېگەن.

ھازىر دۇنيادىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟ خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى قانداق؟ خىتاينىڭ سىياسەت بەلگىلەيدىغان تەبىقىسىنىڭ بۇ جەھەتتە قوللىنىۋاتقان تەدبىرى نىمە؟ ئامېرىكا خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى دېگەنگە قانداق قارايدۇ؟ دېگەن تېمىلاردا يېڭىدىن مۇنازىرە بولىۋاتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت