تۈرك ئارمىيىسى تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 24 جەڭچى شېھىت بولدى

پ ك ك تېررورىست تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ بازىسى ھېسابلانغان زاپتىن تۈركىيە-ئىراق چېگراسى ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ ھاققارى ۋىلايىتىگە كىرگەن 300 ئەتراپىدا تېررورچى تۈركىيە ئارمىيىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ تېررورىستلارغا لەنەت ئوقۇدى. 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر.
تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ تېررورىستلارغا لەنەت ئوقۇدى. 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر.
AFP

بۇ ھۇجۇمدا، 24 جەڭچىنى ئۆلتۈردى ۋە 18 ھەربىي خادىمنى يارىدار قىلدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستانغا ئېلىپ بېرىۋاتقان رەسمىي زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ تۈركىيىگە قايتتى.

بۇ ئېچىنىشلىق خەۋەر تارقىلىشى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى ۋە تېررورىستلارنى ئەيىبلىدى.  تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا تېررورىستلاردىن قاتتىق ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئارمىيىمىزگە قىلغان بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىنتىقامىنى ھەسسىلەپ ئالىمىز. تېررورىستلار قورال-ياراغلار بىلەن تۈركىيىگە ھۇجۇم قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئاخىرى بىر كۈن چۈشىنىپ يېتىدۇ. تېررورىستلارغا قارشى كۈرەش قىلىش بىزنىڭ دېموكراتىيىلىك ھەققىمىز. شېھىتلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگە سەۋر تىلەيمەن.»

ئەنقەرەنىڭ قىزىلاي مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرغان نامايىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر.
ئەنقەرەنىڭ قىزىلاي مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرغان نامايىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

10-ئاينىڭ 19-كۈنى 24 تۈرك جەڭچى شېھىت بولغاندىن كېيىن 20-چېسلا چۈشتىن كېيىن تۈرك قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بازىلىرىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن شىمالىي ئىراققا كىردى. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي ئىراقتىكى كۇرت رەھبەرلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئىراققا قەدەم باسقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بۈگۈن تۈركىيىدىكى ئون مىڭلارچە ئاممىۋى تەشكىلات تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ تېررورىستلارغا لەنەت ئوقۇدى. ئەنقەرەنىڭ قىزىلاي مەيدانىدا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان نامايىشقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر قاتنىشىپ تۈرك شېھىتلىرىنىڭ ئائىلىسىگە سەۋر تىلىدى ھەم تۈركىيە دۆلىتىگە تەزىيە بىلدۈردى.

ئارقىدىن تۈركىيىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ تور بەتلىرىدە تەزىيەنامىلەر ئېلان قىلىپ تۈرك خەلقىگە سەۋر تىلىدى.

پ ك ك تېررورىست تەشكىلاتى تۈركىيىدە 1984-يىلىدىن باشلاپ تېررورلۇق پائالىيەت باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان 30 يىل جەريانىدا ئارمىيە، ساقچى، تۈرك ۋە كۇرت ئاۋام خەلقىدىن 50 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئۆلگەن. كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە تېررورىستلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ساقچى ۋە ھەربىي خادىملارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت