ھۈسەنجان جىلىل مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئېلىپ كېلىندى

2006-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
huseyinJilil-turkiye.jpg
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل، تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى باشلىقى مەمەت ئەلكاتمىس ئەپەندى بىلەن. RFA

تۈركىيىدىكى 123 ئاممىۋى تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان تۈرك ھەمكارلىق كونسىيىنىڭ ۋەكىللىرى بۈگۈن ھۈسەنجان جىلىل ۋەقەسى ھەققىدە دوكلات بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونىغا باردى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشچىلىقىدىكى بۇ ھەيئەت تەييارلىغان دوكلاتىنى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى باشلىقى مەمەت ئەلكاتمىسغا سۇندى. مەمەت ئەلكاتمىس 8 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنى تۈركىيە پارلامېنتى بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. بۇ ھەيئەت تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باش سېكرېتارى فاھرەتتىن يوكۇس، تۈرك ھەمكارلىق كونسىيى سېكرېتارى كازىم ئۆتۈك، تۈرك دۇنياسى ئاياللىرى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى شەنول بال، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل، تەشكىلات ئەزالىرىدىن ئابدۇللاھ ئاكيول، ئابدۇللاھ تۇرسۇن ۋە ئەركىن ساۋۇتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى باشلىقى مەمەت ئەلكاتمىس تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

دۇنيادىكى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خەۋەردار بولسۇن

ئۇچرىشىشتا ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، ھۈسەنجان جىلىلنىڭ ھاياتى، تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۈسەنجان جىلىل ھەققىدە نېمىلەر قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىنى سۇنغاندىن كېيىن، سوز ئېلىپ مۇنداق دېدى:

- ئۆزبېكىستاننىڭ ھۈسەنجان جىلىلنى خىتياغا قايتۇرۇپ بېرىشى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى، ئۇيغۇر خەلقىنى، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى. بىز 123 تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان تۈرك ھەمكارلىق كونسىيى نامىدىن بۇ ھەقتە بىر دوكلات ھازىرلاپ سىزگە ئەكەلدۇق. بۇ مەسىلىنى سىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە دۇنيادىكى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز".

بۇنىڭغا جاۋابەن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىسيونى باشلىقى مەمەت ئەلكاتمىس ئەپەندى بۇ مەسىلىنى دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۇزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

- مەن ھۈسەنجان جىلىلنىڭ مەسىلىسىنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، خەلقئارالىق تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتىغا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دەرھال يەتكۈزۈمەن. ئەپسۇسكى ئۆزبېكىستاندا بۇ خىل ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ھۆكۈمەتنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز بۇ مەسىلىنى خەلقئارا قۇرۇلۇشلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت.

دۇنياغا دېموكراتىيىنىڭ ھاكىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

بىز ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى باشلىقى مەمەت ئەلكاتمىستىن سوئاللار سورىدۇق:

huseyinJilil-turkiye2.jpg
ۋەكىللەر تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى ئىشخانىسىدا

- تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 15 يىلدىن بۇيان تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە كۆز يۇمۇۋاتىدۇ. سىلەر بىر ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ دۆلەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە قانداق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىسىلەر. بىرەر پائالىيىتىڭلار بارمۇ؟

- ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى قەيەردە بولسا بولسۇن بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. تۈرك مىللىتىگە ئوخشاش تارىختىن بەرى ئىنسان ھەقلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بىر مىللەت ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىز بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە دىكتاتورلۇق تۈزۈمى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ھەقتە توپلىغان ماتىرىياللىرىمىزنى ئۆزىمىز ئەزا بولغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر كۈرەش. سابىق سوۋېتلەر بىرلىكى، يۇگۇسلاۋىيىگە ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەر بىر بىرلەپ يىمىرىلىپ ئورنىغا دېموكراتىك دۆلەتلەر قۇرۇلدى. شۇڭا بىز دۇنياغا دېموكراتىيىنىڭ ھاكىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

- پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەر پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكتە. تۈركىيىدىمۇ كوپ ساندا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بار. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرغىچە ھىچبىرىنى قايتۇرۇپ بەرگىنى يوق. كەلگۈسىدە تۈركىيەمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال سادىر بولارمۇ؟

بىز قايتۇرۇپ بەرمەيمىز. تارىخىمىزدىمۇ بۇنداق ئەھۋال يوق. 1709-يىلى شۋېتسىيە پادىشاھى 12-شاھ رۇسلارغا يېڭىلگەندىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ۋە بۇ يەردە 5 يېرىم يىل ئوسمانلىدا ياشىغان. رۇسلار ئوسمانلىغا شۋېتسىيە پادىشاھىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. مۇشۇ سەۋەبتىن تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا پرۇس ئۇرۇشى چىققان. بۇ پادىشاھنىڭ بىز بىلەن مەيلى دىن، مەيلى مىللەت جەھەتتىن بولسۇن ھېچبىر ئورتاقلىق تەرىپى يوق. شۇڭا بىز، بىز بىلەن بىر مىللەت بىر دىندىن بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەرمەيمىز. بىزنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتىمىزدە، تارىخىمىزدا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن بىر مېھماننى قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئادەت يوق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت