خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە پوچتا كارتى تارقاتماقتا

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى بىلەن قىسقارتىلغان ئىسمى "كائىر كانادا" دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىسلام تەشكىلاتى بىرلىكتە، 2006 - يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پوچتا كارتى بېسىپ تارقاتماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010-01-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA File

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ تەشكىلاتلار ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن كانادا مىقياسىدا كانادا باش مىنىستىرى ستېۋىن خارپېرگە ئىمزالىق پوچتا كارتى ئەۋەتىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بىر يىل ئىچىدە ئەۋەتىلگەن پوچتا كارتىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ  كەتكەن.

بۇ يىل يېڭى يىل يېتىپ كېلىشى بىلەن، بۇ تەشكىلات يەنە يېڭى يىللىق پوچتا كارتى تارقىتىشنى باشلىغان بولۇپ، پوچتا كارتىنىڭ ئۈستىگە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەرجىمىھالى، شۇنداقلا  نېمە ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئۈچۈرلار كىرگۈزۈلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت