ئىچكى موڭغۇلدا خىتايلار بىلەن يەرلىك موڭغۇللار ئارىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەردى

موڭغۇل پائالىيەتچىسى مەرگەننىڭ ئۆلۈمى ۋە موڭغۇللارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىنمۇ، ئىچكى موڭغۇلدىكى خىتاي بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
موڭغۇللارنىڭ 30- ماي دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيودا ئۆتكۈزگەن نامايىش.
موڭغۇللارنىڭ 30- ماي دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيودا ئۆتكۈزگەن نامايىش.
RFA/méhriban

ئىچكى موڭغۇلنىڭ بايرېنغول ئايمىقى شارمۇرۇن سۇمبۇلىدا 18‏-چېسلا يەرلىك موڭغۇللار بىلەن يەر ئىگىلەشكە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 20 دىن ئارتۇق موڭغۇل چارۋىچىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ۋەقەنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ شارمۇرۇن سۇمبۇلدىكى يايلاقنى بىر خىتاي سودىگەرنىڭ بوز يەر ئېچىپ، تېرىلغۇ قىلىشىغا سېتىپ بېرىشى ۋە بۇ خىتاينىڭ ئادەم ياللىۋېلىپ، يايلاقتىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ چارۋا ماللىرىنى ئۆلتۈرۈشى، چارۋىچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەركىزى نيۇ يوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سۈي فامىلىلىك خىتاي سودىگەر 200 خىتاينى ياللىۋېلىپ، ئېغىر ئەسۋاپلار ۋە توپا تۈرتكۈچ ماشىنىلار بىلەن موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ مەزكۇر يايلاقتىكى ئوتلاۋاتقان نۇرغۇن چارۋا مېلىنى دەسسىتىپ ئۆلتۈرگەن. بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغان موڭغۇل چارۋىچىلىرىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان. بايرېنغولدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ خادىمى ۋەقەدە يارىلانغان موڭغۇل چارۋىچىلىرىدىن 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ بىلەن بايرېنغولدىكى يەرلىك موڭغۇللار نامايىش قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سۈي فامىلىلىك خىتاي سودىگەرگە يايلاقنى قانۇنسىز سېتىپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى نامايىش قىلغان موڭغۇللارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 300 كىشىلىك ئامانلىق ئەترىتى يۆتكەپ كېلىپ، نامايىشچى موڭغۇللارنى باستۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ياپونىيىدىكى موڭغۇل ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى كېرىت كۋاسگالد، بايرېنغولدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە بۇ يىل 5‏-ئايدا موڭغۇل پائالىيەتچىسى مەرگەننىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، موڭغۇللارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق «جىددىي ۋەقە» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋەقەدىن كېيىن بىرەر مىڭدىن ئارتۇق چارۋىچى ئامما ھۆكۈمەتكە بېرىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇلار ساقچىلارنى چىقىرىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. ھۆكۈمەت بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەندەك كەڭ كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇچۇرنى قامال قىلغان. لېكىن ھۆكۈمەت ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەگە دائىر خەۋەر ۋە رەسىملەر يەرلىك چارۋىچىلار ئارقىلىق تور بەتلىرىگە چاپلاندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت يەرلىك چارۋىچى ئامما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن ئىككى كىشى قولغا ئېلىنغان. بۇ 5‏-ئايدا شېلىنغولدا پارتلىغان نامايىشتىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قېتىمقلىق ئەڭ جىددىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى. بۇ ۋەقە جەنۇبىي موڭغۇليىدىكى موڭغۇل خەلقىنىڭ ھاياتلىقى ئېغىر قىيىنچىلىققا بېرىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتكە كۆرسىتىلگەن نارازىلىقتۇر.»

خىتاي ھۆكۈمىتى تور بەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلسىمۇ، لېكىن بايرېنغولدىكى بۇ ۋەقە ئىچكى موڭغۇل تور بەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغاپ، موڭغۇللارنى ئىچكى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىدىغان يازمىلار ئېلان قىلىنغان. جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى ئىچكى موڭغۇل تور بەتلىرىدىن نەقىل قىلىپ ئالغان بۇ ھەقتىكى بىر يازمىدا «بىز نامراتلىقتا قالدۇرۇلدۇق. يەر-زېمىنىمىزنى خىتايلار ئىگىلىۋالدى. بايلىقىمىزنى بۇلاپ-تالاۋاتىدۇ. چارۋا ماللىرىمىز ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. بىزدىن نۇرغۇن كىشى ئۆز ئانا يۇرتىدا ماكانسىز كىشىلەرگە ئايلاندى» دەپ تەكىتلەنگەن بولسا، يەنە بىر يازمىدا «ئىززەت-ھۆرمىتىمىز دەپسەندە قىلىنماقتا. بىز خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشكە سۈكۈت قىلىپ ياتقاننىڭ ئورنىغا ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك» دېيىلگەن.

كېرىت كۋاسگالد يەنە، يېقىندىن بۇيان موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، يەرلىك موڭغۇللار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن يۇقىرىقى ئىندىۋىدۇئال ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا چوڭقۇر سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئىچكى موڭغۇلدىكى مەسىلە يەرلىك موڭغۇللارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ئاساسى ئېقىمىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، غېرىپلاشتۇرۇلۇش مەسىلىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ: «بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر يىغىلىپ، چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالغان. بۇ ۋەقەلەر ئادەتتىكى توقۇنۇش ئەمەس، بەلكى موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى تارىيىپ، ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئەھۋالدا پارتلىغان. خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلنى ئېچىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئەمەلىيەتتە موڭغۇل خەلقىنىڭ ئۆلۈمىگە باراۋەر بولۇپ قالدى. موڭغۇللارنىڭ يايلىقى تارتىۋېلىنىپ، كان ياكى تېرىلغۇ يەرگە ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئەھۋال موڭغۇل خەلقىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانلىق ئىدى. بۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىمىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ غېرىبلاشتۇرۇلدى» دەيدۇ.

بۇ يىل 5‏-ئايدا ئىچكى موڭغۇلنىڭ شېلىنغول ئايمىقىدا بىر خىتاي كان شىركىتىنىڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى مەرگەن ئىسىملىك موڭغۇلنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈپ، موڭغۇللارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. نامايىش پۈتۈن ئىچكى موڭغۇلغا كېڭىيىپ، مۇھىتنى ئاسراش، موڭغۇللارنىڭ ھوقۇقى، ئۆرپ-ئادىتى، يەر -زېمىنىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامانلىق كۈچلىرىنى چىقىرىپ، موڭغۇل نامايىشچىلىرىنى باستۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندەك قانلىق تەدبىرلەرنى قوللانمىغان. ئۇلار موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، موڭغۇللارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى، مەرگەننى دەسسەپ ئۆلتۈرگەن خىتاي شوپۇرى سۈن شۇنىڭنى ئېغىر جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، ئىچكى موڭغۇلدىكى خىتاي شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈشكە چاقىرغان ئىدى.

بىراق، ئىچكى موڭغۇل يۇقىرى سوت مەھكىمىسى سۈن فامىلىلىك خىتايغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان دەل 18‏-چېسلا شۇ كۈنى بايرېنغولدىكى سۈي فامىلىلىك خىتاي سودىگەرنىڭ ئادەم توپلاپ، موڭغۇل چارۋا ماللىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە 20 نەچچە موڭغۇل چارۋىچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. كېرىت كۋاسگالد، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن موڭغۇللارنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىچكى موڭغۇل مەسىلىسى ئالىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، يەرلىك موڭغۇللارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ موڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى نۇرغۇن ساھەلەردە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇلار ئوخشاشلا كان ئېچىش، بوز يەر ئېچىش نامىدا كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مىللىي مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر چارە-تەدبىرى ئۇلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش. ھەرگىز ئۇلارنى مۇستەملىكە قىلىش ياكى مۇستەملىكىلەشكەن رايونغا ئايلاندۇرۇش ئەمەس. چۈنكى، مەيلى ئىچكى موڭغۇل بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە ياكى تىبەت مەسىلىسى بولسۇن، بۇ ئىختىلاپلارنىڭ يىلتىزى مىللىي مەسىلە. ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىدا» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت