بەشتە كاپالەتلىك قىلغۇچى كادىرلار ئايكۆل يېزىسىدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟

2006-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
CHINA_XINJIANG_KORANIC_S_47.jpg
ئوقۇغۇچىلار، ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتىدىكى خىتاي دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بىر سىنىپتا تەلىم ئالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىدېئولوگىيە تەربىيىسىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە. AFP

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر تۈرلۈك سىياسىي تەشۋىقات ئۆگىنىشلىرىنى كۈچەيتكەندىن سىرت، يېزىلارغا كادىر ئەۋەتىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

ھەقىقى مەقسەت

يېقىندا ئاقسۇدىكى ئايكۆل يېزىسىغا "بەشتە كاپالەتلەندۈرگۈچى كادىرلار "نامىدا 85 نەپەر كادىر ئالاھىدە ۋەزىپىگە قويۇلغان. ئايكۆل يېزىسى ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق 35 مىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئىگە چوڭ يېزىنىڭ بىرى بولۇپ، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئالغان كادىرلار،يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىدە يېتىپ ‏- قوپۇپ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

ئاقسۇ تور بېتىدىكى ئۇچۇردا، بەشتە كاپالەتلەندۈرگۈچى كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسى، كاپالەتكە ئالغان دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا دېھقانلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنى تازىلاپ روشەنلەشتۈرۈش،پەن تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، بېيىش يولىغا يېتەكلەش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى يەتكۈزۈش ھەمدە دېھقانلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئىگىلەش دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش كادىرلىرىنى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگىچە ئەۋەتىشنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە كەلگەن بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانلارغا قانداق قارايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بىزنى قىزىقتۇردى. مەزكۇر سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە ئاقسۇ ئايكۆل يېزىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىرەيلەننىڭ سۆزىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش كادىرلىرىنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتى ئېنىقلاندى.

ئايكۆل يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر خادىمى، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش كادىرلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى مۇقىملىقنى تۇتۇش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى

بىز يەنە بۇ يېزىدىكى دېھقانلاردىن ئائىلىسىگە ۋەزىپە بىلەن كەلگەن بۇ ئالاھىدە مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغان، ئالمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان "ياردەمگە كەلگەن" كادىرلارنىڭ دېھقانلارغا ھەقىقى ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ياخشى نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، دېگەن تەشۋىقاتلارنىڭ يالغا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدا،"يېزىلارغا چۈشۈرگەن كادىرلار، بارغان جايلىرىدا دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئىگىلەپ، بېيىشىغا، كىرىمىنىڭ ئۆسۈشىگە ئالاھىدە ياردەمدە بولغاچقا، دېھقانلار، بۇ كادىرلاردىن بەك مىننەتدار بولماقتا "دەپ كۆرسەتكەن بولسا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار ئەكسىچە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا يەرلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، بەشتە كاپالەتلەندۈرگۈچى نامىدىكى كادىرلار، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئورۇنلىشىپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى دېھقانلار ئېيتقاندەك، ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش بولماقتا ئىكەن. دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، بۇ ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن چۈشكەن كادىرلار، كۈن بويى دېھقانلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىدىيىلىرىنى كۆزىتىپ تۇرغاندىن باشقا، ئائىلىسىدە يېتىپ ‏- قوپۇپ يۈرگەچكە دېھقانلارغا روھىي ھەم ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئارتۇقچە بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى بىزار قىلماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت