ئىھسان ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتى

ئىھسان دېگەن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل - مال سەرپ قىلىش بىلەن بولغاندەك چىرايلىق سۆز، ياخشى مۇئامىلە ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەنمۇ بولىدۇ.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز
2012-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەسچىت ھەرەمنىڭ ئىمامى ئەللامە ئابدۇللا خەييات جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېدى:

- تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا كۆزلەر كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاقلار ئاڭلاپ باقمىغان ۋە ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئېسىل نېمەتلەر باردۇر. ئۇلار مەڭگۈلۈك تۈگىمەيدىغان نېمەتنى قازىنىش يولىدا تۇرماستىن تىرىشىدىغان، ياخشى ئىشلارنى بەسلىشىپ قىلىدىغان، رەببىنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەيدىغان ۋە ئىستىقاتتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان ئەزىمەتلەردۇر. ئىھساننىڭ چېكى يوق. قۇرئان كەرىمدە «ياخشىلىق يولىدا نېمىنى خەير - ئىھسان قىلماڭلار، چوقۇم ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسىلەر»دەپ تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئىھسان پۇل - مال بىلەنلا بولمايدۇ. بەلكى ئاچچىقىنى يۇتۇش، كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش، يامانلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىش بىلەنمۇ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇپ پەيلىدىن يانسا ۋە يامانلىق قىلغۇچىنى ئەپۇ قىلىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنى قىيامەت كۈنى پۈتۈن خالايىقنىڭ ئىچىدىن چاقىرىپ، جەننەتنىڭ ھۆرلىرىدىن قايسىسىنى خالىسا شۇنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە«سەدىقە بەرگەنلىك سەۋەبلىك پۇل - مال كېمىيىپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىنى ئۇنىڭ ئەپۇچانلىقى سەۋەبلىك ئەزىز قىلغىنىدەك، كەمتەر بولغانلارنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ» دېگەن.

دۈشمەننى يەڭگەن ئەمەس، بەلكى ئاچچىقىنى يەڭگەن باتۇر


ئەللامە ئابدۇللا خەييات يەنە مۇنداق دىدى:

- ئاچچىقىنى يۇتۇش ھەر كىم ئۈچۈن ئاسانغا توختىمايدۇ. شۇڭا بۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇكاپاتىمۇ كاتتا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ:«چېلىشىپ بىراۋنى يېقىتقان ئادەم باتۇر ئەمەس، بەلكى ئاچچىقىنى يۇتالىغان ئادەم ھەقىقىي باتۇردۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمدى نەپسكە ئىھسان قىلىشقا كەلسەك، نەپسىي خاھىش يامان گۇناھ ئىشلارغا باشلىغاندا، ئادەم شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ گۇناھ قىلغىلى ئاز قالغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئۇنىڭ ۋەدىلىرىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەسكە ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەپسىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، نەپسكە ئىھسان قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان نەپسىنىڭ بىردەملىك لەززىتىنى دەپ ئاخىرەتنىڭ ئۈزۈلمەس ئازابىغا قېلىشنىڭ نەقەدەر يامانلىقىنى ئەسكە ئالسا، چوقۇم ئۆز نەپسىنى كونترول قىلىشنى بىلىدۇ ۋە گۇناھتىن يانىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە ئۆزى ئىھسان قىلغان بولىدۇ.

نەسۇھ دەرىجىسىدە تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسى چوقۇم قوبۇل قىلىنىدۇ، گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ، ئاخىرەتلىك دەرىجىلىرى يۇقىرى قىلىنىدۇ. تەۋبە نەسۇھ دېگەن گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا چىن ئىرادە باغلاش، قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىش ۋە ھەقىقىي رەۋىشتە تەۋبە قىلىشتۇر. تەقۋادارلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلار ھەمىشە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنى ۋە قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ، غەپلەتتە بولۇپ قالمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلاردىن ساقلىنىدۇ. مۇنداق كىشىلەردە ساۋابلىق ئىشلارغا قارىتا قىزغىنلىق، يامان ئىشلارغا قارىتا نەپرەتلىنىش بولىدۇ. مانا بۇ، ھەقىقىي ئىماننىڭ قەلبلەردىكى تەسىرىدۇر. تەقۋادار ئاللاھ تائالانىڭ مۇلاقاتىغا تەلپۈنىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ياخشىلىقنى كۆپ قىلىشقا ئالدىرايدۇ ۋە بۇ پانىي دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىنى ئاخىرەتنىڭ ئالدىدا قويمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاخىرەت نېمەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈكىنى بىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت