ئىككى ياشلىق قىز يولۇققان قاتناش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى

گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن ئىككى ياشلىق قىزنىڭ ئىككى ماشىنا تەرىپىدىن دەسسىلىش ۋە ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ بۇ قىزچاققا پەرۋا قىلماسلىق ۋەقەسى دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە داۋاملىق خەۋەر ۋە مۇلاھىزە قىلىنماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدە 2 ياشلىق بىر قىز بالىنى ئاپتوموبىل سوقۇۋەتكەن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى ئۆكتەبىر.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدە 2 ياشلىق بىر قىز بالىنى ئاپتوموبىل سوقۇۋەتكەن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى ئۆكتەبىر.
YouTube tiki mezkur weqening videosidin alghan

بىز تۈنۈگۈن مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا خىتاي ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئىنكاسلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھۈسەن ئەپەندى بىلەن، نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ئەپەندىنىڭ تەسىراتلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.


خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى ياشلىق قىزنىڭ پاجىئەسىگە ئوخشىغان ۋەقەلەر، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. شۇڭا كۆپ ساندىكى كىشىلەر ۋەقەگە ھەيران قېلىۋاتقان، جاۋابكارلارغا نەپرەتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا ئىشلەپ كۆرگەنلەر، ۋەقەدىن ھېچقانداق ھەيرانلىق ھېس قىلمىغان. نۆۋەتتە نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان، سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئەپەندى مانا خىل تەسىراتتىكى كىشىلەردىن بىرى.

خىتايچە ب ب س تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي خىزمەتلەر كومىتېتى تۈنۈگۈن 2 ياشلىق قىز پاجىئەسى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچقان، يىغىندا ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلماسلىقىنى جىنايەت ھېسابلاش، ۋە ئىككى مەزكۇر ياشلىق قىزنىڭ پاجىئەسى ھەققىدە ھەيكەل تۇرغۇزۇش قاتارلىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا چۈشكەن. بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدىن ساۋاق ئېلىشقا، نارازىلىق پىكىرلىرىنىڭ سىياسىي ئىسيانغا ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. ئەمما ۋەقەدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەرمۇ پەرقلىق تېگىشلىك دەرس چىقارماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت