خىتايدىكى ئەخلاقىي يىمىرىلىش قايسى دەرىجىگە يەتتى؟

گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسى خىتايدىكى ئىككى ياشلىق قىز يۇئەيۇئەننىڭ ئىككى قېتىم ماشىنىدا باستۇرۇلۇش ۋەقەسىنىڭ يالغۇز خىتاي جەمئىيىتىنىلا ئەمەس، گېرمانىيە جەمئىيىتىنىمۇ لەرزىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدە 2 ياشلىق بىر قىز بالىنى ئاپتوموبىل سوقۇۋەتكەن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى ئۆكتەبىر.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدە 2 ياشلىق بىر قىز بالىنى ئاپتوموبىل سوقۇۋەتكەن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى ئۆكتەبىر.
YouTube tiki mezkur weqening videosidin alghan

گېرمانىيىدىكى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمدە تور بەتلىرىدە ئىككى ياشلىق خىتاي قىزىنىڭ ئىككى قېتىم ماشىنىدا باستۇرۇلۇشى، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن خىتايلارنىڭ بۇ پاجىئەگە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىشى بۈگۈنگە قەدەر مەتبۇئاتنىڭ قىزىق تېمىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئائىت نەق مەيدان ۋىديو كۆرۈنۈشى كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا، گېرمان پۇقرالىرىنىڭ غەزەپلىك ئىنكاسلىرى تور بەتلىرىنى قاپلىماقتا.


شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى ياشلىق قىز يۇئەيۇئەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جۈمە كۈنى دوختۇرخانىدا ئۆلگەن. 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنى باستۇرغان ئىككى خىتاي شوپۇر قولغا چۈشكەن. گېرمانىيىدە نەشردىن چىقىدىغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»، «كۈندىلىك گېزىت»، «كەچلىك گېزىت»، «دۇنيا ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە بۇ توغرىسىدا ئۈزۈلمەي ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. ماقالىلەر ۋە ئىنكاسلاردىكى ئاساسى مەزمۇن خىتاي جەمئىيىتىدە ئەخلاقنىڭ ئېغىر كرىزىسقا پاتقانلىقى، بۇ كرىزىسنى خىتاي سىياسىتى ھەم قانۇنى پەيدا قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىككى ياشلىق قىزنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ماشىنىدا يانجىلىشى، يولدىن ئۆتكەن شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بىپەرۋا قارىشى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ۋىديونى كۆرگەن ئىنسانلارنىڭ چىداپ تۇرالماي، ئۇلارنى ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟! دەپ ۋارقىرىشىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنماقتا. مەزكۇر ۋىديو كۆرۈنۈشىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

«بېرلىن پوچتىسى گېزىتى» 21-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا «بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنى لەرزىگە كەلتۈردى» دەپ ماقالە ئېلان قىلدى. «دۇنيا گېزىتى» 21-ئۆكتەبىردىكى سانىدا بولسا «بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ زىلزىلىسى خىتايدىكى باشقا ھەرقانداق ۋەقەدىن ئېشىپ كەتتى» دەپ ماقالە يازدى. ماقالىدە، بۇ ۋەقەنىڭ پۈتكۈل خىتاي ئۈچۈن جىددىي سىگنال ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. «فرانكفورت مۇنازىرە گېزىتى» 22-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «خىتاي جەمئىيىتىنىڭ خاتالىقى نەدە؟ ئەجەبا كىشىلەر قان ئىچىدىكى بوۋاققا ھېسداشلىق قىلىش تۇيغۇلىرىدىنمۇ مەھرۇم بولدىمۇ؟» دەپ خىتاب قىلدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى «يۇئە يۇئەننىڭ ئۆلۈمى خىتايدا ئەخلاقنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» ناملىق خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، بۇنداق ھادىسىلەر خىتايدا كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ۋەقەلەردە مەسئۇلىيەتتىن داۋاملىق ئۆزىنى قاچۇرماقتا. 2008-يىلى زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، بۇ ساختا مەھسۇلات ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرگۈچىلەردىن بىر قىسمى قولغا ئېلىنغان. 9-ئايدا ۋۇخەندە، 88 ياشلىق بىر بوۋاي يولدا يىقىلىپ قالغاندا، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ قالغان.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈم ئۈچۈن تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قىلىپ زور ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ، مەنىۋى ئۈنۈمگە سەل قارىغانلىقى، خىتايدا ئەخلاقنىڭ، ئىنسانلار ئىچىدە ئۆزئارا ھېسداشلىق تۇيغۇلىرىنىڭ تامامەن بەربات بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى ياشلىق قىز ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇنداق ۋەقەلەرگە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىشنىڭ جىنايەت بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن، ئىككى ياشلىق قىزغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن، ۋەقە مەيدانىدىكىلەردىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قانداق قىلغاندا خىتاي جەمئىيىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك مۇھىتىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىر ئېغىز زۇۋان سۈرەلمىگەن. ماقالىدە، بىر جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىنى سىياسەتكە ياكى قانۇنغىلا تايىنىپ ياراتقىلى بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدە يەنە، خىتاي تور بەتلىرىدىكى چۇقانلاردىن مىساللار ئېلىنغان. كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكتىكى مەسئۇلىيەتنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقى توغرىسىدا توختالغان بەزى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «دۆلىتىمىزنىڭ ھەتتا قانۇنغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا ئۇرۇنغان قارغۇلارنىڭمۇ جازاغا ئۇچرايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى» دېگەنلىكلىرى شەرھلەنگەن. ھۆكۈمەتتىن باشقا ھەرقانداق بىر شەخس ياكى گۇرۇھ مەسئۇلىيەت توغرىسىدا زۇۋان سۈرسە، ئۆزىگە بالا تېپىۋالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت