ئىلھام مەخمۇت ياپونىيىلىكلەر بىلەن سېنكاكۇ ئارىلىغا باردى

ياپون ئوڭچىلىرى ياپونىيىلىكلەر سېنكاكۇ ئارىلى دەپ ئاتىسا، خىتايلار دياۋيۈ ئارىلى دەپ ئاتاۋاتقان ئارالغا ياپونىيىلىك بايرىقىنى قادىغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىلھام مەخمۇت ياپونىيىلىكلەر بىلەن دياۋيۈ ئارىلىغا باردى. 2012-يىلى 18-ئاۋغۇست، ياپونىيە.
ئىلھام مەخمۇت ياپونىيىلىكلەر بىلەن دياۋيۈ ئارىلىغا باردى. 2012-يىلى 18-ئاۋغۇست، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

8-ئاينىڭ 18-كۈنى 150 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ياپون ئوڭچىلىرى ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان، ياپونىيىلىكلەر سېنكاكۇ ئارىلى دەپ ئاتىسا، خىتايلار دياۋيۈ ئارىلى دەپ ئاتاۋاتقان ئارالغا يۈرۈش قىلىپ، بۇ ئارالغا ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ياپون بايرىقىنى قادىغان. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىنمۇ ۋەكىللەر قاتناشقان. شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپون ئوڭچىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «قانۇنسىزلىق» دەپ ئاتىغان ۋە بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ مەزكۇر ئارالغا قارىتىلغان ئىگىدارچىلىق دەۋاسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ زىيارەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، بىر-ئىككى كۈندىن بۇيان ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ۋە شۇنداقلا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا 150 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ياپون مىللەتچىلىرى سېنكاكۇ ئارىلىغا بارغانلىقى ۋە شۇنداقلا ياپون بايرىقىنى قادىغانلىقىنى خەۋەر قىلىۋاتىدۇ. سىز بۇ قېتىمقى ئۆزىڭىز قاتناشقان مۇشۇ پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسىڭىز؟

-بۇ قېتىمقى سېنكاكۇ ئارىلىغا بېرىش پىلانى بىر يېرىم ئايدىن ئىلگىرى پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭدا سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ تارىختىن بۇيان ياپونىيىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆھبەت قىلغاندا مەيدانىنى قاتتىق بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن 150 كىشىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېلىپ باردۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى كۆپىنچىلەر خوڭكوڭلىق خىتايلار بۇ ئارالغا چىققاندىن كېيىن ياپونىيىلىكلەر بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدىمۇ دەيدىغان ئويدا بولدى. ئەمما بۇ پائالىيەت ئۇ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق پائالىيەت بولۇپ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ياپونىيىلىكلەر بىلەن بىرلىكتە بىر قېتىم بۇ ئارالنىڭ ياپونىيىلىكلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ياپون ھۆكۈمىتىگە ۋە دۇنياغا ئېلان قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولدى.

سوئال: بۇ، ھۆكۈمەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتمۇ ۋە ياكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ؟

-بۇ پائالىيەت ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يەنى «تىرىش ياپونىيە» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بەش كىشى، يەرلىك پارلامېنتلاردىن 15 كىشى، شۇنداقلا بىر قىسىم داڭلىق ئەربابلار، يوكوھاما شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ۋە سېندائى شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشتى.

سوئال: ياپون مىللەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىڭىز، سىزنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىشىڭىزمۇ ياكى قانداق سالاھىيەت بىلەن قاتناشتىڭىز؟
-مەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاتناشتىم. بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىم بىز ھەر-قاچان خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇش مەيدانىدا تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئويلاۋاتىمەن. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ مۇشۇنداق تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەن ياپونىيىدىكى مىلىتارىستلار بىلەن بىرگە داۋاملىق مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتىمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قاتنىشىپ ماڭماقچىمەن.

سوئال: ياپون مىللەتچىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىڭىز، سىزنىڭچە ياپونىيە جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىشقا ۋە تونۇتۇشقا پايدىلىق دەپ قارامسىز؟
-ئەلۋەتتە پايدىلىق دەپ قارايمەن. چۈنكى، ياپونىيىدە ياپون مىللىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى سۆيۈشى، ۋەتىنىنى سۆيۈشى كۆپچىلىكنى ئىگىلەيدۇ. بۇ، مەن ھەرقايسى جايلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغىلى بارغاندا ھېس قىلغان ئەھۋال. ھۆكۈمەتتىمۇ مىلىتارىستلارنىڭ كۈچى كۈندىن-كۈنگە قايتىدىن كۈچلىنىپ كېلىۋاتىدۇ شۇڭلاشقا بۇلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىشتا چوقۇم ئۆزىگە لايىق بىر كىشىلىك رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن.

سوئال: سېنكاكۇ ئارىلىغا بارغاندىن كېيىن 150 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بۇ گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى قانداق بولدى؟ ئۇنى قىسقىچە تەسۋىرلەپ بەرسىڭىز؟

-بۇنىڭدا بىرى ياپونىيىلىكلەرنىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى، يەنە بىرى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئارالغا ئەركىن چىقالمىغانلىقىغا بولغان پۇشايمان قىلىش ھېسسىياتىنى ھېس قىلدىم.

سوئال: سىزنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يەنى سېنكاكۇ پائالىيىتىگە قاتنىشىشىڭىز تۇنجى قېتىملىقمۇ؟

-بۇ قېتىمقى سەنكاكو مەسىلىسىگە قارىتا قاتناشقان پائالىيىتىم تۇنجى قېتىملىق.

سوئال: سىزدىن باشقا، بۇ پائالىيەتكە تىبەت،موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن قاتناشقان كىشىلەر بارمۇ؟

-ئۇلارنى تەكلىپ قىلماپتۇ. ئۇلارنى تەكلىپ قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلمىدىم. ئەمما مېنى ھەر-قېتىملىق پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ.

-رەھمەت سىزگە، ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت