ئىلھام توختىنىڭ نەزەربەند قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان لېكسىيە (2)

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىنىڭ 2-قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا قارىتىلغان سىياسەتتىكى پەرق ھەم بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدە توختالغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2010-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 20 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، "ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ" ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺪﺭﯦﯟﺱ ﺟﯧﻴﻜﻮﺑﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 20 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، "ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ" ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺪﺭﯦﯟﺱ ﺟﯧﻴﻜﻮﺑﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ" ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، «ئۇيغۇربىز تورى» نىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 9-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە نەزەربەند قىلىنىشىغا، ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن باشقا 2010- يىلى 3- دېكابىر كۈنى سۆزلەنگەن «شىنجاڭدىكى مىللىي سىياسەت» ناملىق لېكسىيىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ لېكسىيىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى رادىئومىزغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. بىز ئالدىنقى قېتىم لېكسىيىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدىكى مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق.

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئىككى چوڭ مىللەت، يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلارنىڭ رايوندىكى سىياسىي سەھنە، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە تۇتقان ئورنى ھەم بۇ جەرياندا ئىككى مىللەت ئارىسىدا كېلىپ چىققان سۈركىلىش ھەققىدە توختالغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە بۇلتۇر 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئەھۋالى ھەققىدىكى لېكسىيىسىدىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى سۆزلىگىنىدە ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.

« خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىللە ياشاش جەريانىدىكى قاراشلىرى»

ئىلھام توختى ئەپەندى 3-دېكابىر كۈنىدىكى لېكسىيىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ كۆز قارىشىدىكى ئوخشىماسلىق ھەققىدە توختالغان. ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
"ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار مىللىي پەرقى تولىمۇ چوڭ بولغان ئىككى مىللەت. ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت، ئەمما خىتاي مىللىتى بولسا جۇڭگودىكى ئاساسى نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغان مىللەت. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ مۇرەككەپ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنى بۇ رايوننىڭ ئىگىسى، قانۇنىي جەھەتتىن مۇستەقىل ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەت دەپ قارايدۇ. خىتاي مىللىتىنى بولسا رايوندىكى كۆچمەن مىللەت دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئاپتونوم رايون دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانۇنى ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ھەم مائارىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلىنىشى قوغدىلىشى كېرەك دەپ بىلىدۇ."

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر زېمىنىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلارنىڭ قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھالبۇكى رايوندىكى خىتاي مىللىتى بولسا خىتاي مىللىتى جۇڭگودىكى ئاساسى مىللەت دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ زېمىنغا نۇرغۇنلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈردى. بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ يىللاردا رايوندا زور دەرىجىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ھەتتا رايوندا ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقتى. ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇلار بەلگىلىگەن قائىدە ‏- نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك دەپ قاراشتى. ھالبۇكى، كۆچمەن خىتايلار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىتا 'سىلەرنىڭ بەختسىزلىكىڭلار بىز خىتاي مىللىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مەسىلە بولسا كومپارتىيە ھەم ھۆكۈمەتكە دەڭلار' دەيدىغان پوزىتسىيىدە بولدى. بۇ ئاددىي قانۇنىيەتنى كۆپچىلىك ھەممىسى ياخشى چۈشىنىدۇ، مەسىلە شۇ يەردىكى ھازىرقى تۈزۈم ئاستىدا بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدا باراۋەرلىككە ئېرىشىش تولىمۇ قىيىن. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار قانداق شارائىتتا بىللە ياشىيالايدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە ھازىرغىچە كۆڭۈلدىكىدەك بىر يەكۈن چىقىرىلغىنى يوق. بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار 60 يىل بىللە ياشىدى، لېكىن رايوندىكى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي مەسىلىلەر ئارىدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ كەلدى، بۇندىن كېيىنكى يىللاردىمۇ بۇ مەسىلىلەر يەنىلا ئاساسى مەسىلە بولىدۇ ئەلۋەتتە!"

«مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەم ئۇيغۇرلارنى چەتلەشتۈرۈش»

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە خىتايدا مىللىي ئاپتونومىيىلىك تېررىتورىيە دەپ بەلگىلەنگەن ئۇيغۇر رايونىدا، بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق جەھەتتە رايوندىكى كۆچمەن خىتاي مىللىتى بىلەن باراۋەر قانۇنى ھوقۇققا ئىگە بولالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى چەتلەشتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەرقايسى شىركەتلەر ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا بايلىقلارنى ئېچىۋاتىدۇ ھەم پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتالغانلار ئۆز زېمىنىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇلمىدى. نوپۇس بېسىمى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى ھەم مەمۇرى باشقۇرۇش قاتلاملىرىدىكى خىتايلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە خىتاي مىللىتىنىڭ رايوندىكى ھوقۇقىنى كېڭەيتمەكتە. ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى پەقەت سىمۋول خاراكتېرلىك ھوقۇق بولۇپلا قالدى خالاس. مەمۇرى جەھەتتىن بۇ زېمىن يەنە خىتاي مىللىتى توپلانغان رايونلارغا تەقسىم قىلىندى. مەسىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، مەركەزگە بىۋاسىتە قارايدىغان سانائەت شەھەرلىرى قارىماي، مايتاغ دېگەندەك."

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىبارسىز قارىلىۋاتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېتىبارسىز قالدى. ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەر بۇ تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولالمىدى. يەرلىك ھۆكۈمەت ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز، زامانىۋىيلاشتۇرىمىز دېگەن ناملار بىلەن ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ئىگىلىكى رايونلىرىنى قىسقا مەزگىل ئىچىدە رايوندىكى بايلىقلارنى قېزىۋالىدىغان ئاتالمىش زامانىۋى تەرەققىيات رايونىغا ئايلاندۇردى."

ئىلھام توختى ئەپەندى رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئۇلارنىڭ ئانا تىلنى قوللىنىش، مائارىپ ھوقۇقى، خىزمەت ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىدا ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەڭسىزلىككە ئۇچرىدى. مائارىپ قۇرۇلمىسىدا بىرنەچچە يىلدىن ئىلگىرىلا ئالىي مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ئومۇملاشتۇرۇلدى. ھەتتا يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى مائارىپ سىستېمىسى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپ قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىلدى. نەتىجىدە ئانا تىلىنى قوللانغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمەت ئىشلىرى ھەم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى ئىقتىساد، جەمئىيەت، سىياسىي پائالىيەتلەردە ھېچقانداق ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوق ھالەتكە كەلتۈردى."

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەتلەشتۈرۈلۈشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىپادىسى ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "مىللىي تېررىتورىيىدىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى مەركىزى ھۆكۈمەت كونترول قىلماقتا. بۇ بايلىقلارنى ئېچىش ھوقۇقى ھېچقاچان يەرلىك خەلقنىڭ قولىغا ئۆتكىنى يوق. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەنپەئەت شەخسلەر قولىغا مەركەزلىشىشكە يۈزلەنمەكتە. ھازىر گەرچە رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرمۇ بايلىقلارنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى بايلىقلارنى ئېچىشقا قىزىقىۋاتقانلار يەنىلا رايونغا يېڭىدىن كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقانلار بولماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ بايلىقلارنى ئېچىشقا قاتناشتۇرۇلمىدى، ئەكسىچە بۇ بايلىقلارنىڭ ئېچىلىشى ھەم ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر بەدىلىگە ئۇيغۇرلار ئۆز تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا، ئۆز مەدەنىيىتىنى قۇربان قىلماقتا. مانا بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى رايوندا ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارىلىۋاتقان يەرلىك مىللەتنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت ھەم ئىجتىمائىي ئورۇن جەھەتتە چەتلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر."

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرى، قۇرۇلمىسى، مىللىي سىياسىتى شۇنداقلا خىتايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېقىنىشىدىكى كونكرېت سەۋەبلەر، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالغان. بىز پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بۇ مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت