مۇسۇلمان ئاياللىرى ۋە ئىلىم - مەرىپەت

2007-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئاماننىساخان مىسالى ئوقۇمۇشلۇق ۋە تالانتلىق ئاياللار ئاز ئۆتمىگەن. ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش تۈرلۈك كەشپىياتلارنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن. ئىسلام دىنى ئۆگىنىشكە چاقىرغان ئىلىملەر، ئەر ئايال ھەر ئىككى جىنسقا ئورتاقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئىلىم ئۆگىنىش ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەرقانداق مۇسۇلمان كىشىگە پەرزدۇر" دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارى رىۋايىتى)

ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشى چەكلەنمىگەن

بۇ ھەدىستىكى بۇيرۇق ئەر ئايال ھەر ئىككى جىنسقا ئوخشاش قارىتىلغان بولۇپ، ئىسلام تارىخىدا، ئاياللار ئىلىم پەن ئۆگىنىش ھوقۇقىدىن ھېچ ۋاقىت چەكلەنگەن ئەمەس. ئىلىم - مەرىپەتتىن مەھرۇم قالغان بەزى ئاۋاملارنىڭ" ئاياللارنىڭ ئەقلى قىسقا"، " قىزلار كۆپ ئوقۇسا بىتەلەي بولۇپ قالىدۇ" دېگەنگە ئوخشىغان سۆزلىرى ئۆتمۈشلەردىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئىنتايىن خەتەرلىك سۆزلەردۇر.

خەلقنى بىلىمسىز قالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى سۈردۈرۈشنى كۆزلىگەن بېسىمدارلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى مۇئەللىملىرى سانالغان ئانىلارنى بىلىمسىز قالدۇرۇش ئارقىلىق بىر پۈتۈن مىللەتنى نادان قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك خاتا تەشۋىقاتلارنى تارقىتىپ كەلگەن.

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلھەكىم ھاجىم ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىنىڭ ئىسلام دىنىدا ھېچ ۋاقىت چەك قويۇلمىغانلىقىنى ۋە ئىسلام پەيغەمبىرىنىڭ ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلىش ئىشىغا زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: " بىر كۈنى ساھابىلەرنىڭ ئاياللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، يا رەسۇلىللاھ! ئەرلەر سىزنىڭ دەرىسىڭىزگە ھازىر بولۇپ دىنىي مەسىلىلەرنى ئۆگىنىدۇ، بىزلەرگىمۇ ئايرىم بىر كۈننى بەلگىلەپ بەرسىڭىز، شۇ كۈندە ئاللاھ سىزگە بىلدۈرگەنلەرنى بىزلەرگە ئۆگەتسىڭىز، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى: "پالانى كۈنى، پالانى يەردە توپلىشىڭلار" دەپ بۇيرۇپ، شۇ بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ئاياللارغا مەخسۇس تەلىم بەرگەن".

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر ئاياللىرىنى ئىلىملىك بولۇشقا ئۈندىگەن

ئابدۇلھەكىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئاياللىرى ئىچىدىن قۇرئاننى، كۆپلىگەن ھەدىسلەرنى يادلىغان، شېئىر، نەسىر ۋە تارىخلارنى يازىدىغان ئاياللار كۆپ بولۇپ، ھەتتا مەشھۇر ساھابىلار ۋە بۈيۈك ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىۋاسىتە سوراپ ئۆگىنەلمىگەن ئائىلە بىلىملىرىنى، ئاياللارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىلەرنىڭ قائىدىلىرىنى، ئاياللارغا مەخسۇس بولغان ئايلىق ئادەت، قورساق كۆتۈرۈش، تۇغۇت ۋە بالا ئېمىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى يەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن سوراپ ئۆگەنگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 1210 ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇ، ئۆزى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ھۆكۈملەرنى چىقىرالايتتى، ئۆزىدىن ياشتا چوڭ بولغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ سوئاللىرىغا قانائەتلىك جاۋابلارنى بېرىپ، ئۇلارنى دىنىي مەسىلىلەردىن خەۋەردار قىلاتتى.

ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يېزىش ئوقۇشتا ماھىر ئىدى. كۆپلىگەن ئالىملار ۋە مەزھەب پېشۋالىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەرنى شۇ ئاياللاردىن ئاڭلاپ ئۆگەنگەن. تارىختا ئېيتىلىشىچە 700 دىن ئارتۇق ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان. ئۇلاردىن ئالىملار ئۆگەنگەن. مەسىلەن: مەشھۇر ئالىم ئىبنى ئەساكىر ئىراق ۋە سۈرىيە ئەتراپىدا 500دىن ئارتۇق ئايال كىشىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگىنىپ رىۋايەت قىلغان. مىسىر، شام، ئىراق، يەمەن، ماراكەش، ھەبەش، ئىسپانىيە قاتارلىق ئىسلام شەھەرلىرىدە، تارىخ، ئەدەبىيات، شېئىر، تەپسىر، ھەدىس قاتارلىق ئىلىملەردە تونۇلغان مەشھۇر ئاياللار كۆپ ئۆتكەن ئىكەن.

مۇسۇلمانلار 16 - ئەسىردىن كېيىن خۇراپىلاشتى

پەقەت، مۇسۇلمانلار 16 ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ھەرخىل قالاق پىكىرلەر ۋە خۇراپىي ئېقىملارغا ئەگىشىپ كېتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە توغرا كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان.

ئۇلاردا تەركىيدۇنيالىق، چەكتىن ئاشقان شۈكۈر قىلىش، ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلىشتىنمۇ ئۆز ئارىسىدىكى مۇھىم بولمىغان دىنىي تالاش تارتىشلارنى ئەۋزەل كۆرۈش قاتارلىق ئىللەتلەر قانات يايغان. شۇڭا بىزدىكى تەرەققىيپەرۋەر، مەدەنىيەتلىك ، پاكىز ۋە ئىلىم مەرىپەتلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مىللىي ئەنئەنە ئاجىزلىشىپ قالغان. مىللەتنىڭ ئانىلىرى بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بىلىم ئېلىشتىن ۋە باشقىمۇ ئىجابىي ئاممىۋى پائالىيەتلەردىن، دىنىي سورۇنلاردىن چەكلەپ كەلدى.

ئانىلارنىڭ بىلىملىك بولۇشى ئاتىلارنىڭ بىلىملىك بولۇشىدىنمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپى بولۇپ، بۇ مەكتەپتە ئاتىنىڭ رولىدىنمۇ ئانىنىڭ رولى ئەلۋەتتە چوڭ.

بالىلار كۆپرەك ئانىسى بىلەن بولىدۇ. كۆپ نەرسىلەرنى ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ. بالىلار كېيىن، رەسمى مەكتەپكە بېرىپ، ئائىلىدە قوبۇل قىلغىنىغا زىت كېلىدىغان، ھەرخىل پىكىرلەرنى قىسمەن قۇبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە دەسلەپ قوبۇل قىلغان ئەقىدىسى، پىكرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭغا زىت پىكىرلەر ئۇنى ئازدۇرۇپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ دەسلەپكى قەلبى ئاق قەغەزگە ئوخشاش ساپ بولىدۇ. مانا بۇلار تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يەكۈنىدۇر. (ئۆمەرجان توختى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت