جامائەت ئەربابى ئىلزات ئابباسوف بېشكەك شەھىرىدە ۋاپات بولدى

ئىلزات ئابباس 1950 - يىللاردا خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، شىمالدىكى 3 ۋىلايەت خەلقى كەڭ كۆلەملىك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش دەۋرىدە قىرغىزىستانغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن بولۇپ، بېشكەكتىكى ئۇيغۇر جامائەت پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم، نۆۋىتىدە ئۇ يەنە سابىق ش ت ج ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇكېرىم ئابباسنىڭ جىيەنى ئىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام
2011-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىلزات ئابباسوف يېقىندا بېشكەك شەھىرىدە ۋاپات بولغان ئىدى. قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر شەھەردىكى بىر رېستۇرانغا توپلىنىپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاسپ قۇرئان ئوقۇپ خەتمە ئۆتكۈزگەن.

تۆۋەندە بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىىز تۇرسۇن ئىسلام بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىدۇ.
تولۇق بەت