ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىق مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزىگە ئىنكاسلار

2007-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئىسمائىل تىلىۋالدى مەزكۇر يىغىن جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، " شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت بىرلىكتە بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلوق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلىماقتا " دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى كۈندىن ‏- كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ تەكىتلىگەن.

بېيجىڭدىكى قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شى داگاڭ بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورچىلىققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىل 1 ‏- ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تېررور گۇماندارلىرىنىڭ 18 ‏ئىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، 17 سىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەمدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا ئېلىنغان بۇ ئۇيغۇرلارنى "ئەلقائىدە بىلەن يىقىن مۇناسىۋىتى بار. ئۇلارنىڭ مەقسىتى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش "دەپ كۆرسەتكەن.

ئىسمائىل تىلىۋالدى ۋە شى داگاڭنىڭ بۇ دېگەنلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رىشىت ئەپەندى ۋە ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دايمەند ليۇ خانىم بۇ ھەقتە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت