ئىنسان ھەقلىرى كۈنى ئەنقەرەدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 61 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىلىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﭘﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 61 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ  ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

RFA Photo / Erkin Tarim

نامايىشقا تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرى ۋە سىياسىي پارتىيە مەسۇللىرى ئىرانلىق ئازەرى تۈركلىرى، ئىراق تۈركمەنلىرى  ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 250 ئەتراپىدا  كىشى قاتناشتى.

نامايىشتا  د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.   

بىز نەق مەيداندا نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئالدۇق.  بۇ نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى  ئەنقەرە شۆبىسى  ئۇيۇشتۇرغان.  

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت