خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا خەلقنىڭ يانفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئامالسىزلىقتىن قىسمەن ئېچىۋەتتى

خىتاي 1‏ - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يانفون ئارقىلىق ئۆز - ئارا يازما ئۇچۇر ئەۋەتىشنى چەكلىك ئېچىۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت خىتاي دائىرىسىدىلا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏ - ئىيول ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ۋە يانفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكەن ئىدى. 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىنتېرنېتنى قىسمەن ئېچىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئەمما تور ئەھلىگە پەقەت شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خەلق گېزىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىغىلا كېرىش لازىم، دەپ چەكلىمە قويغان ئىدى. بۇ يىل 1‏ - ئاينىڭ 17‏ - كۈنى خىتاي يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يانفون ئارقىلىق يازما ئۇچۇر يوللاشنى چەكلىك ئېچىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەمما پەقەت خىتاي ئۆلكىلىرى دائىرىسىدىلا بولۇشى ھەمدە ھەر بىر كىشى ئۆز -ئارا ئەۋەتىشىدىغان قىسقا يازما ئۇچۇر سانى بىر كۈندە 20 قېتىمدىن ئاشماسلىقى لازىم، دەپ چەكلىمە قويدى. شۇنداقلا، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان يانفونلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئېلىپ كەلسە ئىشلىمەيدۇ، دەپ جاكارلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنيا شىتاتىدا تۇرۇۋاتقان كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىدىن دىلمورات سۇلايمان خەلقئارادا يانفون ئالاقىسى، بولۇپمۇ يانفون ئارقىلىق يازما ئۇچۇر يوللاش قانداق ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يانفون ۋە ئىنتېرنېتنى قىسمەن ئېچىۋەتكەنلىكى ئامالسىزلىقتىن بولغان، ئەمما خىتاي يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى خەلقئارادىن داۋاملىق يۇشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت