رابىيە قادىر : "ئىپتىخارلىقىمدىن خەلقىممۇ ئۈمىدلەنسۇن...."

ئىزچىل ھالدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىدىن بولۇپ كېلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم، 10 ‏- دېكابىر بۇ قېتىملىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئالىي مېھمانلار قاتارىدا ئىشتىراك قىلدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2010-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا قوشما شتاتى ئاۋام پالاتا رەئىسى نانچي پەلوسى خانىم رابىيە قادىر خانىم ۋە ئالىم سىيىتوف ئەپەندى بىلەن ئوسلودا 2010 يىللىق نوبېل مۇكاپات يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن بۇرۇن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا قوشما شتاتى ئاۋام پالاتا رەئىسى نانچي پەلوسى خانىم رابىيە قادىر خانىم ۋە ئالىم سىيىتوف ئەپەندى بىلەن ئوسلودا 2010 يىللىق نوبېل مۇكاپات يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن بۇرۇن كۆرۈشتى.
AFP

بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر بېشارىتى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارغا شەرەپ ۋە ئۈمىد بېغىشلىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ 12 - دېكابىر ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ 13 - دېكابىر ئىستانسىمىزغا كېلىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى مۇھىم دەقىقىلەردىن ئۇيغۇر خەلقىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە ۋە بۇ جەرياندىكى تۇيغۇلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر قانداق خۇشخەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ بۇنى رادىئو كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت