خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم سودا ئورۇنلىرىنىڭ ئىسىمىنى ئۆزگەرتمەكتە

2007-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيىنىڭ ئەزەلدىن بېرى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم ئۆتكۈنچى دۆلەت بولۇشى تۈركىيىنى ئەزەلدىن مۇھىم تىجارەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭمۇ تۈركىيىگە كېلىپ تىجارەت قىلىشى كەڭ ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ تۈركىيىدىن كەلگەن ماللارنى ياخشى كۆرۈپ سېتىۋالىدىغان بولغاچقا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىلگىرى-كېيىن ئىستانبۇل تاللا بازىرى، ئاتا - تۈرك قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى، تۇران رېستورانى قاتارلىق ئىسىملار قويۇلغان سودا ئورۇنلىرى ئېچىلغان ئىدى.

لېكىن، بىزنىڭ يېقىندا ئالغان مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر بۇ خىل ئىسىملار ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن نازارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، قەشقەردە ئېچىلغان تۇران رېستورانىنىڭ ئىسمى يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى سەۋەبلىك " نۇران" دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

بىز بۇ ھەقتە ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۇران رېستورانىنىڭ خوجايىنى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولدى.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت