ئىستانبۇلدا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2010 ‏- يىلى، 8 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ تارىخ زافەر تۇنيا مەدەنىيەت يىغىن زالىدا، 2 ‏- نۆۋەتلىك "ئۇيغۇر پەن ‏- مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى" دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ، 8 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 2 ‏- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻥ ‏- ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ" ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ، 8 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 2 ‏- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻥ ‏- ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ" ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

يىغىنغا ئامېرىكا ۋە ياپونىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن زىيالىيلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە پروفېسسورلىرىدىن تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ كەسىپلىرى بويىچە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى.

يىغىندا، ئامېرىكىنىڭ "ناسا" ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ خادىمىشۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى 'ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ مەخپى قانۇنىيىتى' دېگەن تېمىدا، ياپونىيىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان تاش مۇھەممەت ئەپەندى "ئاسسىمىلىياتسىيە ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش" دېگەن تېمىدا، تۈركىيە يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مۇھەببەت كامال خانىم " ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى" دېگەن تېمىدا، خەلقئارا چۈشەنچە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم "ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئويلىنىش" دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىكى رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، "گىئوئىسىتراتېگىيە ۋە مىسسىئورلۇق نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن سىرت بەش نەپەر ئۇيغۇر دوكتۇر ئۆزلىرىنىڭ كەسىپلىرى بويىچە تەييارلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
 
يىغىن ئاخىرىدا يەنە، يىغىندا سۆز قىلغان ئالىملار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيە جەمئىيىتى، 2009 - يىلى، 9 - ئايدا تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئاكادېمىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
تولۇق بەت