ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

2009 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈركنىڭ يېتەكلىشىدە، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە شاۋگۈەنلىك خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۆلتۈرۈگەنلىكىگە بولغان غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009-07-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺗﯘﻣﺘﯜﺭﻛﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﯩﺪﻩ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ 200 ﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯩﺸﻰ، ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯕﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ  ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺗﯘﻣﺘﯜﺭﻛﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﯩﺪﻩ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ 200 ﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯩﺸﻰ، ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯕﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

نامايىشقا تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى قاتناشتى. نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا شوئار توۋلاش بىلەن يېقىنلاشتى.

نامايىشچىلار، " بىز تېررورچى ئەمەس"، " بىر مىللەت يوقىلىش ئالدىدا"، " يا ئىستىقلال، يا ئۆلۈم "، " ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە " دېگەنگە ئوخشاش چوڭ خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ‏- تاختىلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانىسىنى ئالدىغا يېتىپ كەلدى.

قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا شوئار توۋلىدى. نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئوت ياقتى، ئەتراپنى تۇمان قاپلاپ كەتتى، ساقچىلار ھۇدۇقۇپ كېتىپ بىر قانچە ياشنى تۇتۇۋالدى، خىتاي كونسۇلخانىسىغا تاش ئاتقان بىر ياشنى قولغا ئالدى. باشقا نامايىشچىلار تۇتۇلغان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن ئىتتىرىشىپ تۇتۇشۇپ كەتتى.

نامايشىچلارنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى كۆرگەن تۈرك ساقچىلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىتتىرىشمەك يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ساقچىلار قاتتىق قوللۇق قىلمىدى، ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقاپ كېتىشكە تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، نامايىشچىلار تۇتۇلغان قېرىنداشلىرىنى قويۇپ بەرمىگىچە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چىڭ تۇردى. كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك سۆز قىلىپ، شاۋگۈەنلىك خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە خىتاي دائىرلىرىنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ھەمدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىش ئاخىرلىشىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلار قويۇپ بېرىلدى.

بىز بۇ نامايىش ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قاتناشقان شەخسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت