ئۇيغۇر يەسلىسىدىكى ئۆسمۈرلەرنى مۇكاپاتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولدى

2010 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق قازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇرئان كەرىم ئوقۇش ۋە ئانا تىلدا سۆزلىشىش نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 6 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 6 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدىكى شۆبىلىرىدە ئېچىلغان يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ يازلىق تەتىل قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىدىن سەلەي ھاجىم ئارتۇشى قاتارلىق پېشقەدەم ئۇستازلار، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. دېڭىز بويىغا جايلاشقان 302 كىشلىك بۇ يىغىن زالىغا مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرى سىغماي قالدى ۋە نۇرغۇن كىشى ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، جەمئىيەت باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى سۆزىدە، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى بولغان ئەۋلادلارغا ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ بىلىملىك ئادەم بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن تەلىم تەربىيە بېرىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆزىدە مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، "مىللەتنىڭ خار بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىلنىڭ نادانلىق" دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىشى ئەۋلادلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇيغۇر يەسلىسىدە دەرس ئۆگىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا شۇنداقلا بۇ يەسلىنى ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان شەخسلەرگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتتى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور فەتھى ئەخمەت يۈكسەل، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق شەخسلەر سۆزگە چىقىپ ئۆسمۈرلەر ھەققىدە توختالدى.

مۇراسىمدا، يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى گۇرۇپپا بولۇپ سەھنىگە چىقىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلدى، شېئىر ئوقۇدى، ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.

ئۆسمۈرلەر ئوخشاش شەكىلدە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە مىللىيچە كىيىم كىيىشكەن ھالدا سەھنىگە چىققاندا، كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتى تارتتى ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

2 سائەت داۋام قىلغان بۇ مۇراسىمدا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن، جەمئىيەتنىڭ تەلىم ‏- تەربىيە پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

مۇراسىم ئاخىرىدا سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر يەسلىسىدە دەرس ئۆتۈۋاتقان 10 نەپەر ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتلىنىپ، ئۇلارغا تەقدىرنامە ۋە مۇكاپات بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى. مۇراسىمدا، زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقان ئوغۇل ‏- قىز بولۇپ 60 نەپەر ئۆسمۈرگە مۇكاپات بېرىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت