ئىستانبۇلدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 990 ‏- يىللىقى خاتىرىلەندى

2009 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 990 ‏- يىلىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى تۈركولوگ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىسىتىنىڭ دوكتورلار يىغىن زالىدا 'يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك' ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 10 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 990 ‏- ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﻰ ﺗﯜﺭﻛﻮﻟﻮﮒ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 'ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 10 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 990 ‏- ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﻰ ﺗﯜﺭﻛﻮﻟﻮﮒ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 'ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo / Arslan

يىغىنغا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇنىۋېرىستىتلاردىن كەلگەن دوكتۇر ۋە پروفېسسورلىرىدىن سىرت گېرمانىيە، ياپۇنىيە، كورىيە، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن تىل ‏- ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا يەنە ئۇيغۇرلاردىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى، گېرمانىيىنىڭ بېرلىن براندېنبۇرگ پەنلەر ئاكادىمىسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوكتۇر ئابدۇرېشىت ياقۇپ، گېرمانىيىدە قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇرسۇنجان ئىمىن قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر ئالىمى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىندا يۈسۈپخاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە سۆز قىلدى.

يىغىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى تۈركولوگ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتۇر مۇسا دۇمان، تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر شۈكرۈ خالىق ئاكالىن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور دوكتۇر يۈنۈس سۆيلەت قاتارلىق شەخسلەر ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

يىغىن 10 ‏- ئاينىڭ 26 ۋە 27 ‏- كۈنلىرى ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ يىغىننىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئېچىلىشىغا پروفېسسور دوكتۇر مۇستافا ئۆزكان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر كامال ئەرئارسلان، 'يۈسۈپخاس ھاجىپ ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە' دېگەن تېمىدا، گېرمانىيە فرانكفورت ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر مەرجەل ئەردال 'قۇتادغۇبىلىكنىڭ تېكىستى' دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر سەمىھ تەزجان 'قۇتادغۇبىلىكتە يېڭى تۈزىتىشلەر' دېگەن تېمىدا، گوللاندىيە لېيدىڭ خەلقئارا ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئۇۋﯤ بلېسىڭ 'قۇتادغۇبىلىكتىكى ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەر ھەققىدە' دېگەن تېمىدا، تەتقىقاتچى ئالىم تۇرسۇنجان ئىمىن 'خىتايدا قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە تەتقىقاتلار' دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر شۈكرۈ خالىق ئاكالىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىزدە ۋە چەتئەللەردە يۈسۈپخاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلار جەم بولغان بۇ يىغىندا، يېڭى بىلىملەرنى بىلىم دۇنياسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش، بۇنىڭ بىلەن كۇلتېر ئادىمىمىز يۈسۈپخاس ھاجىپ ۋە كۇلتېر خەزىنىمىز قۇتادغۇبىلىكنى يېقىندىن تونۇش ۋە خەلقىمىزگە ۋە ئىنسانلارغا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىمىز. 10 يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 ‏- يىلىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان يۈسۈپخاس ھاجىپنى ۋە ئەسىرى قۇتادغۇبىلىكنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ خىزمەت ئىشلىشىمىز كېرەك. ئۆتكەن يىلى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 ‏- يىلىنى تەبرىكلىدۇق ۋە ب د ت پەن ‏- مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن 2008 ‏- يىلنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلدى. بىزمۇ بۇ ھەقتە مۇمكىن قەدەر ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە پائالىيەت ئېلىپ باردۇق.

ئالدىمىزدا 2019 ‏- يىلى كېلىدۇ، يۈسۈپخاس ھاجىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 ‏- يىلىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ خىزمەت ئىشلەشتە پايدا بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. يۈسۈپخاس ھاجىپنىڭ توغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق ئەمما ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە 1019 ‏- يىلى تۇغۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يۈسۈپخاس ھاجىپ تۈركىستاننىڭ بالاساغۇن شەھىرىدە ئابرويلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ياخشى بىلىم ئىگىلىگەن، يۈسۈپخاس ھاجىپ بىر قانچە تىل بىلىدىغان، سەمىمىيەت، ئېتىقادلىق، بىلىملىك، راستچىللىق بىلەن جەمئىيەتتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر شەخس بولۇپ تونۇلغان. تۈرك دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسىي بولغان قۇتادغۇبىلىك ئوخشاشلا ۋاقىتتا تۈرك كۈلتېرىنىڭ ئاساسى قىممەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسەرنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن يۈسۈپخاس ھاجىپنى توغۇلغانلىقىنىڭ 990 ‏- يىلىدا ھۆرمەت ۋە رەھمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

يىغىندا يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور دوكتۇر يۇنۇس سۆيلەت سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك مىللەتلەرنىڭ تارىخلىرىدا سىياسى، ئەسكەرى ۋە كۇلتېر ساھەلەردە مۇھىم دەۋرلەر بولىدۇ. 11 ‏- ئەسىر تۈرك تارىخىغا ئوخشاشلا تۈرك تىلى، تۈرك ئەدەبىياتى ۋە تۈرك كۇلتېر ساھەلىرىدە بىر دەۋەر باسقۇچ ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بىر ئەسىردۇر. 8 ‏- ئەسىرگە ئائىت بولغان ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن كېيىن تارىخىمىزغا ۋە تىلىمىزغا ئائىت ناھايىتى قىممەتلىك ئىككى خەزىنىمىز بار ئۇلارنىڭ بىرسى، مەھمۇت قەشقىرىيىنىڭ 'تۈركىي تىللار دىۋانى'، يەنە بىرسى بولسا يۈسۈپخاس ھاجىپنىڭ بۇنىڭدىن 940 ‏- يىل ئىلگىرى يازغان 'قۇتادغۇبىلىك' ناملىق ئەسىرىدۇر. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپخاس ھاجىپ، 11 ‏- ئەسىردىكى تۈرك تارىخىنى، تىل ‏- ئەدەبىياتىنى تونۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تۈركلەرنىڭ كۇلتېر ۋە كەڭ جۇغراپىيىگە ئىگە تۈرك مەدەنىيىتىنى بىزگە كۆرسەتتى.

پروفېسسور دوكتۇر يۇنۇس سۆيلەت سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە قۇتادغۇبىلىك بىلىم ئادەملىرى تەرىپىدىن دۇنياغا تونۇتۇلۇشى كېرەك، بۇ، تۈرك كۇلتېر تارىخى جەھەتتىن ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە تۈرك كۇلتېر تارىخىغا ئاساس بولغان بۇ ئىككى ئەسەر ئاسماندىكى ئىككى يۇلتۇزغا ئوخشاش تارىخىمىزنى يورۇتۇشنى داۋام قىلماقتا.

'قۇتادغۇبىلىك'، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى تۈركولوگ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى رەشىد ئەخمەت ئارات دېگەن پروفېسسور تەرىپىدىن ئۇزۇن يىل تەتقىق ۋە تەرجىمە قىلىش نەتىجىسىدە 1959 ‏- يىلى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىرگە تەييارلانغان.

يۈسۈپخاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ نادىر ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بىلىم ئادەملىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان بۇ يىغىندا 50 نەپەر دوكتۇر ۋە پروفېسسور بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدىكەن.

تولۇق بەت