ئۇيغۇر ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى تۆۋەن بولماقتا

2006-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
dongkowruk.jpg
2006.02.09 مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتى ئاۋاز كۆچۈرۈش ئۈرۈمچىدىكى دۆڭ كۆۋرۈك خەلقئارالىق چوڭ بازاردىكى ئۇيغۇرلار. گەرچە ئۈرۈمچى تىز تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى بارغانچە ئاشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىنى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈننىڭ ئالدى كەينىدە خىتاينىڭ سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسى، باج ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقنى قوغداش تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلى تور بەتلىرىدە بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇمكى ئىستىمالچىلار ھوقۇقىنى قوغداش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەر يىلىدىكىدەك يىغىۋېلىنغان ساختا ھەم سۈپەتسىز ماللارنى كۆيدۈرۈپ" ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش‏- دۆلەت باج، سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئوخشاش تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى" دەپ تەشۋىق قىلغان.

سۈپەتسىز ماللار يەنىلا كۆپ

تەڭرىتاغ تور بېتىدە چارشەنبە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە پۈتۈن ئاپتونۇم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ساختا ھەم قانۇنسىز ماللار 30 مىڭغا بارىدىكەن. ئۇلار يەنە يالغان مال ئىشلەپچىقىرىش ئۇۋىسىدىن 101 نى، 35 مىليون يۈئەن قىممىتىدىكى يالغان ماركىلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

بىز ئۆتكەن يىلىدا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئۇلار ئاساسەن "3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدەك مۇشۇنداق كۈنلەردىلا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تىلغا ئېلىنىپ قالىدۇ، باشقا چاغلاردا ئىستىمالچىلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلايدىغان ھېچكىم يوق، بازارغا يالغان ماللار تولۇپ كەتتى" دېگەن جاۋابلارغا ئىگە بولغان ئىدۇق.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ قانداق قوغدىلىدىغانلىقى، ساختا ھەم ناچار ماللار ئادەتتە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا تەپسىلى جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا مەسئۇل ئورۇنلاردىن بىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىر خىتاي قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈكلىكى ھەمدە ساختا -ناچار ماللارغا زەربە بېرىشنىڭ بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلىدى.

"بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك"

دۆلەتنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تېگىشلىك قانۇن ھەم سىستېمىلىرى كۈچەيدى ئەمما مېنىڭ خىزمەت تەجرىبەمدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى تۆۋەنرەك.

بىز ئۇنىڭدىن ئىستىمالچىلار ئىستىمال قىلغان ماللاردىن نارازى بولغاندا، ئۇلار بىمالال قايتۇرالامدۇ ياكى ئالماشتۇرالامدۇ دەپ سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالغا "ھەرقانداق بازاردا سۈپەت جەھەتتە ئوخشىمايدىغان ماللار بار. ئۇنىڭ ئارىسىدا ئالىي دەرىجىلىك سودا دۇكانلىرىدا باھاسى يۇقىرى بىر قەدەر سۈپەتلىك ماللار سېتىلىدۇ، بۇ جايلاردا ئالماشتۇرۇش ياكى قايتۇرۇش مۇمكىن. ئەمما شەخسى دۇكانلاردا ماللارنىڭ سۈپىتى سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تۆۋەنرەك ئەمما نورمال تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى كۆپ سانلىق ئامما، بۇ خىلدىكى باھاسى ئەرزانراق ماللارنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. بىراق بۇ ماللارنىڭ سۈپىتىگە يۈزدە يۈز كاپالەتلىك قىلماق تەس. بۇ خىل ماللارنى ئىستىمالچىلار شەخسىلەرنىڭ قولىدىن قانۇنلۇق ھۆججەت بىلەن سېتىۋالمىغان بولسا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ تەس" دېدى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىستىمالچىلىرىنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدىكى پەرق ئاساسلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، "بىزنىڭ بۇ يەر ئاز سانلىق مىللەت رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى ھەمدە قارىشىمۇ پەرقلىق ئۇلار ئاساسەن ماللارنىڭ باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەرزان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، سۈپىتىگە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك"، دېدى.

بۇ خادىم يەنە نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن 12315 ئەرزى قىلىش تېلېفون لىنىيىسىنى ئاچقانلىقىنى ئۇلارنىڭ 24 سائەت ئىستىمالچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن بىز 12315 كە تېلېفون ئالغىنىمىزدا ئۇنىڭدىن ئاپتوماتىك قوبۇللىغۇچنىڭ ھازىر خىزمەت ۋاقتى ئەمەسلىكىگە دائىر ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق.

"ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى تۆۋەنرەك"

بىز يەنە ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار بىر قەدەر كۆپ بولغان ئۈرۈمچى دۆڭ كۆۋرۈك خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ باج ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ سودا بازارنىڭ ماللىرىنىڭ سۈپىتى ھەمدە ئىستىمالچىلارنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە سوئال سورىدۇق. بىر خىتاي باجگىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

"بۇ چوڭ بازارنىڭ ماللىرى سۈپەت ئۆلچەم تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ كىرىدۇ. قانۇنلۇق ماركىلارغا ئىگە ماللاردا چاتاق يوق. ئەگەر سودىگەرلەر شەخسى زاۋۇتلاردا ئىشلىگەن ماللار بولسا ئۇلارغىمۇ تېگىشلىك سۈپەت ئۆلچەم بەلگىلىمىلىرى بار. مال سېتىۋالغۇچىلار سودىگەرلەرنىڭ قولىدىن سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ مالدىن نارازى بولسا ياكى باشقا پىكرى بولسا بىز ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلسا بولىدۇ. بىز ئوتتۇرىدا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش رولىنى ئوينايمىز. بىزدىن باشقا سودا سانائەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ. پاش قىلىش تېلېفونىغا ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ".

ئۇ ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش قارشى ئۆستىمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن "دۆلەتنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تېگىشلىك قانۇن ھەم سىستېمىلىرى كۈچەيدى ئەمما مېنىڭ خىزمەت تەجرىبەمدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى تۆۋەنرەك. بىزگە بۇ ھەقتە ئەرز قىلغۇچىلارمۇ ئاز، ئۇلار نارازى بولسا پەقەت سودىگەرلەر بىلەن ئۆزلىرى يۈزتۇرانە جىدەللىشىدۇ، بىزدىن ياكى ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئورۇنلاردىن ياردەم سورىمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە بىز بىۋاستە رول ئوينىيالمايمىز. ئىستىمالچىلار ئەرز قىلىپ كەلمىگىچە بىز مەسىلىدىن خەۋەرسىز ھەمدە قول تىقالمايمىز، بۇ جەھەتتە ئىستىمالچىلار ئۆزىنىڭ قانۇنى ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك" دېدى. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت