پېشقەدەم ئۇيغۇر جەڭچىسى سۇلايمان ئىسمائىل ۋاپات بولدى

قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر جەڭچىسىسۇلايمان ئىسمائىل كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئۇ بېشكەك ئەتراپىغا يەرلىككە قويۇلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ
2010-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA

مەلۇم بولۇشىچە، سۇلايمان ئىسمائىل 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىدە پولكوۋنىك بولغان ۋە گومىنداڭغا قارشى جەڭلەرگە قاتناشقان. ئۇ جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ نۇرغۇن قېتىم شەرەپ مېداللىرىغا ئېرىشكەن.

سۇلايمان ئىسمائىل 1929 - يىل غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1963 - يىلى ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە شۇ يىلى قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كەلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تولۇق بەت