«جەنۇبىي دېڭىزدا بېلىقچىلارنى قوراللاندۇرۇپ خەلق ئۇرۇشى قىلىش» دېگەن تەشەببۇس مۇنازىرە قوزغىدى

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈن خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا يۈز مىڭ بېلىقچىنى «خەلق ئەسكىرى» گە ئايلاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاش تەشەببۇسىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي پاراخوتىنىڭ ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگىنىگە قارشىلىق نامايىش. 2011-يىلى 5-ئىيۇن.
خىتاي پاراخوتىنىڭ ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگىنىگە قارشىلىق نامايىش. 2011-يىلى 5-ئىيۇن.
AFP

خىتاينىڭ ئورگىنى «خەلق گېزىتى» نىڭ شۆبىسى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈن، خەينەن باۋسا بېلىقچىلىق شىركىتىنىڭ باش پايچىكى خۇ جيەنبىننىڭ بېلىقچىلارنى قوراللاندۇرۇپ خەلق ئەسكىرىگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق تىركىشىش تېخى توختىمىدى، ئەمدى ۋيېتنام بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يەنە نېفىت، تەبىئىي گاز قېزىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ سۈركىلىش چىقتى. دېمەك، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ھازىر خىتاينى قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ كېلىۋاتىدۇ. مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدا گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خەينەن، خوڭكوڭ، ماكاۋ، تەيۋەنلەرنىڭ بېلىقچى كېمىلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت خەينەن ئۆلكىسىگىلا تەۋە 23 مىڭ كېمە ۋە 225 مىڭ ئاتامان بار. ئەگەر بۇلاردىن پەقەت بەش مىڭ كېمە بىلەن 100 مىڭ ئاتامان «خەلق ئەسكىرى» گە ئايلاندۇرۇلسا، جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى قوشقاندىمۇ، خىتاينىڭ بۇ «خەلق ئەسكەرلىرى»گە تەڭ كېلەلمەيدۇ.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ۋېنخۇي» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى بېلىقچىلىرىنى قوراللاندۇرۇپ، ئۇنى خەلق ئەسكىرىگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان خەينەن باۋسا بېلىقچىلىق شىركىتىنىڭ باش پايچىكى خۇ جيەنبىن ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى مۇنداق دەپ شەرھلىگەن: ۋيېتنامدا ھەممە ئادەم ئەسكەر، ۋيېتنامنىڭ بېلىقچىلىرىدا مىلتىق، پىلىموت بار. خىتاينىڭ بېلىقچىلىرىنىڭ يېنىدا پىچاق ساقلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ۋيېتنامنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئاراللارنى ئىشغال قىلسا، خەلقى ئۇ يەرگە كېلىپ يۇرت قۇرىدۇ. ۋيېتنام بېلىقچىلىرى دائىم خىتاينىڭ بېلىقچىلىرىنى بۇلاڭ-تالان قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بېلىقچىلىرى قۇرۇقلۇقتىكى ئادەملەردىن نەچچە ھەسسە قارام ئادەملەر. خىتاي ئەمدى جەنۇبىي دېڭىزدا بۇنداق بېلىقچىلارنى قوراللاندۇرۇپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن خەلق ئۇرۇشى قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنى، سۇ يۈزىنى خىتاي نېفىت شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرگە ۋە باشقا خۇسۇسىيلارنىڭ ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، ھەتتا شەخسىيلەرگىمۇ بەزى ئاراللارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىپ، پۈتۈن جەنۇبىي دېڭىزنى خەلقنىڭ دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. 5‏-ئايدىن 8‏-ئايغىچە، جەنۇبىي دېڭىزدا بېلىق تۇتۇلمايدۇ، بۇ ئايلاردا بېلىقچىلارنى ھەربىي قىسىملار مەشىق قىلدۇرۇشى كېرەك.

بۇ گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىز ئاكادېمىيىسى دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ليۇ فېڭ، ۋيېتنام ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قانۇنلاشتۇرۇپ بولدى، ئەمدى بۇ ئاراللاردا نېفىت-گاز قېزىش ئۈچۈن خەلقئارادىن خېرىدار چاقىرىۋاتىدۇ. خىتاي دەرھال بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك، بۇ مەقسەت ئۈچۈن خىتاي ئۆزىنىڭ بېلىقچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك دېگەن.

گۇاڭشى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈن شاۋيىن، ياپونىيىدە چىقىدىغان «ئاساخى شىنبۇن گېزىتى» ھازىر ۋيېتنام يىللاردىن بۇيان جەڭدىمۇ، دىپلوماتىيىدىمۇ خىتايغا ئۇتتۇرۇپ قويمىدى، بۇ قېتىم يەنە قانۇن ماقۇللاش ئارقىلىق دىپلوماتىيە ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلدى، بۇ، ياپونىيە ئۈچۈن ئۈلگە ياراتتى دەۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا دەرھال تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك دېگەن.

خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىدىن چېكىنگەن گېنېرال مايور جىن مىڭمۇ بۈگۈن پىكىر بايان قىلىپ، ۋيېتنامغا، 1974‏-يىلى نەنسا ئاراللىرىدا قانداق مەغلۇپ قىلىنغانلىقىنى، 1988‏-يىلى يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق نەنسا تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىدا يەنە قانداق مەغلۇپ قىلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ قويۇش كېرەك دېگەن. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى ھەر ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا خىتاي مەغلۇپ بولۇپ، نەنسا، شىسا تاقىم ئاراللىرىدىكى 6 ئارالنى ئىشغال قىلالمىغان بەلكى بۇ ئاراللاردىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

ئوقۇرمەنلەر بۈگۈن «ۋېنخۇي» ۋە «يەر شارى» تورىنىڭ ئەركىن مۇنازىرە سەھىپىلىرىدە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي بېلىقچىلىرىنى خەلق ئەسكىرىگە ئايلاندۇرۇپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن خەلق ئۇرۇش قىلىش دېگەن تەشەببۇس ھەققىدە جىددىي مۇنازىرە قوزغىدى. ئوقۇرمەنلەر يوللىغان يۈز پارچىغا يېقىن ئوبزورنىڭ بەزىلىرىدە، خەلققە ھازىر قورال كېرەك، ئاق-47 بەلگىلىك مىلتىق ئەڭ ياخشى، شۇ بولسا بىز ھېچكىمدىن قورقمايمىز دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن. بەزىلىرىدە، بۇ ئەبگار مۇتەخەسسىسلەر ھازىر خەلقنى ئۇرۇش ئاپىتىگە تىقىپ قويۇشنى ئويلاۋاتسا كېرەك، ئەگەر جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار خىتاينىڭ زېمىنى بولسا، خىتاي خەلقى باج تۆلەپ بېقىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە دۆلەت زېمىنىنى قوغدىماي بىكار ياتامدۇ؟ دېگەن بايان ئىپادىلەنگەن. يەنە بەزىلىرىدە، خەلقنىڭ قوراللىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش دەپ شوئار توۋلاپ، ئالدى بىلەن خەلققە قورال تەڭلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمدى ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈن خەلقنى قوراللاندۇرۇپ قويارمۇ؟ دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت