سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېر دېڭ شاۋپىڭ بىلەن تۈزگەن خۇسۇسىي كېلىشىمنى ئاشكارىلىدى

2007-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Carter-CHINA-150.jpg
12 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېر سۆزدە. AFP Photo

سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېر 12 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى، بېيجىڭدە ئېچىلغان ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت خاتىرىسىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى 30 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىنمىغان مەخپىي كېلىشىملەر ئاساسىدا داۋاملىشىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى شەرھىلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى جىمى كارتېر ھەققىدىكى خەۋىرىدە نېمىنى يوشۇردى؟

يېقىندىن بۇيان، خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما 12 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 28 يىللىق خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالمىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە پەقەت، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇ كارتېرغا تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس زېمىنى ئىكەنلىكىنى، چېن شۈيبيەننىڭ تەيۋەننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش ھەرىكىتىنى توسۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى تەسۋىرلىدى. ئەمما جىمى كارتېر سۆزىدە ئاشكارىلىغان ئامېرىكا -خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا 30 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى ئېلان قىلىنمىغان مەخپىي كېلىشىملەرنىڭ مەزمۇنىنى تىلغا ئالمىدى (شىنخۇا خەۋەر تورىنىڭ 5 ‏- دېكابىر كۈنىدىكى خەۋەرلىرىگە قاراڭ).

جىمى كارتېرنىڭ خىزمەت خاتىرىسىدىكى تەيۋەنگە دائىر مەزمۇنلار

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جىمى كارتېر ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 28 يىللىق خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا تەيۋەننى ھەر يىلى يېڭى قوراللار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ 28 يىل بۇرۇن ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىلا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى ئايرىم كېلىشىملەر بۇيىچە بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئامېرىكا ھەر قېتىم تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەندە، خىتاي تەرەپ ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېر يىغىندا، ئۆزىنىڭ خىزمەت خاتىرىسىدىكى دېڭ شاۋپىڭ بىلەن كېلىشكەن مەزمۇنلارنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ 1978 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى يېزىلغان خىزمەت خاتىرىسىدە "دېڭ شاۋپىڭ بىزنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يول ھەل قىلىش توغرىسىدىكى خىتاپنامىمىزغا، بىزنىڭ تەيۋەن بىلەن كېلىشىملىرىمىز بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، يەنە داۋاملىق تۈردە تەيۋەنگە قوغدىنىش ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىشىمىزگە خىتاينىڭ قارشى تۇرماسلىقىغا قوشۇلدى"، "خىتاي تەرەپ گەرچە ئوچۇق سورۇنلاردا بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى قوللىمىسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىۋېرىدىغانلىقىمىزدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان بولدى' دەپ يېزىلغان ئىدى.

جىمى كارتېر ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا چىقارغان قارارىدىن پەخىرلىنىدۇ

‏ 1978‏- يىلى 12 ‏- ئايدا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان ھامان، ‏-‏ دەيدۇ سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېر بېيجىڭدە قىلغان سۆزىدە، ‏-‏ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى، كېلىشىملەر بىكار قىلىندى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەيۋەندىن چېكىندۈرۈپ چىقىلدى. بۇ مەسىلىدە، ئامېرىكىدىكى مۇتەئەسسىپلەر مىنى تەيۋەندەك يېقىن دوستتىن يۈز ئۆرۈپ، كوممۇنىست خىتايغا ئېغىپ كەتتى، دەپ تەنقىدلىدى. گەرچە ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتسىمۇ، نۇرغۇن دوستلىرىمىز ھازىرغا قەدەر بۇ مەسىلىدە مېنى كەچۈرمەيۋاتىدۇ، ‏-‏ دەيدۇ جىمى كارتېر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ‏-‏ لېكىن مەن يەنىلا ئۆزەمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا چىقارغان قارارىمدىن پەخىرلىنىمەن.

"مەن دېڭ شاۋپىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، خىتاي بىر يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى"

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 1976 ‏- يىلىدىن 1980 ‏- يىلىغىچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغان جىمى كارتېر ئەپەندى ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 28 يىللىق خاتىرە كۈنىدە قىلغان سۆزىدە، ئەگەر خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشىلانمىغان بولسا، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۆزىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلالىشى قېيىن بولاتتى، چۈنكى خىتاي بىر تىنچلىق مۇھىتىغا، بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان تەھدىتنى ئازايتىشقا مۇھتاج ئىدى، دەپ كۆرسەتتى.

‏-‏ مەن ۋە دېڭ شاۋپىڭ ئىككىمىز ئۆز قولىمىز بىلەن ئىمزا قويۇپ كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، خىتاي بىر يىپ-يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويدى، ‏-‏ دەيدۇ 83 ياشلىق جىمى كارتېر، ‏-‏ ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، دېڭ شاۋپىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش -ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن 30 يىلىغىچە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ تۇردى. بۇ دەۋىردە، خىتايمۇ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قەدىمىنى توختاتمايدىغان بولالىدى. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت