ئستانبۇلدا شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2007-11-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

maarip-jemiyti-200.jpg
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، 12 ‏- نويابىر كەچ سائەت 19 :00 دا شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ جەمئىيەت مەركىزىدە يىغىن ئۆتكۈزدى. RFA Photo / Arslan

12 ‏- نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان كۈن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى يۈتىۋېلىش خام ‏- خىيالى بىت ‏- چىت بولغان بىر كۈن، قەھرىمان ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋار روھى، تىز پۈكمەس ئىرادىسى ئۆزىنى نامايەن قىلغان، ھەققانىي داۋانىڭ مۇستەھكەم ئاساسىي يارىتىلغان بىر كۈن.

ئۇلۇغ ئالىم ۋە ئىنقىلابچى رەھبەر سابىت داموللام 1933 ‏- يىلى، رەھمەتلىك مارشال مۇتەپەككۇر سىياسىيون ئەلىخان تۆرەم 1944 ‏- يىلى دەل مۇشۇ 12 ‏- نويابىر كۈنى تارىختا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپ دۇنياغا جاكارلىغان تارىخىي بىر كۈن. مانا بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، 12 ‏- نويابىر كەچ سائەت 19:00 دا شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ جەمئىيەت مەركىزىدە يىغىن ئۆتكۈزدى.

يىغىن باشلىنىشىتىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىم خەتىمە قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىندى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى ھەققانىي ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىمىرىلىشى" تېمىسىدا، مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇز، "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخي ئەھمىيىتى" تېمىسىدا، جەمئىيەتنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم " خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىنقىلاپتىكى رولى" تېمىسىدا، باش كاتىپ ھەققانىي "سابىت داموللام ۋە مەمتىمىن ھەزرىتىمنىڭ ئىش ‏- ئىزلىرى" تېمىسىدا سۆز قىلدى. دېڭىزفەنەرى جەمئىيىتىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىلى ئابدۇل قاراداغ ئەپەندىمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ۋەتەنسۆيەر ئەھمەتجان ئۆزىنىڭ بىر قانچە پارچە يېقىملىق ئىجادىيەت ناخشىسىنى ئوقۇپ يىغىن كەيپىياتىنى جانلاندۇردى. ئاخىرىدا، كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن يىغىن تەنتەنىلىك ئاخىرلاشتى. (ئارسىلان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت