كامبودژا ئامېرىكىدىن 20 ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەپلىك ھەربىي ياردەمنى كېسىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن پەيشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ھەربىي ياردىمىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەينى كۈنلەردە كامبودژا ھۆكۈمىتى، كېسىلگەن ياردەمگە ئانچە پەرۋا قىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-04-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Scot Marciel ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Hor Namhong ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Scot Marciel ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Hor Namhong ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.phnompenhpost.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۈگۈن ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامبودژا بۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ 20 ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سەۋەپ قىلىپ تۇرۇپ ھەربىي ياردەمنى كېسىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

20 ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن ئاز كەم تۆت ئاي بولغان بولسىمۇ، ۋەقەگە قارىتا ئىنكاسلار سىياسەت ۋە مەتبۇئات ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى كامبودژا 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكىنى ئۈچۈن، كامبودژاغا بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇ كۈنى كامبودژا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە، كېسىۋېتىلگەن ياردەمنىڭ كامبودژا ئۈچۈن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەسلىدە ئامېرىكا تەمىنلىمەكچى بولغان ياردەم، 200 دانە ھەربىي يۈك ماشىنىسى بولۇپ، بۇ 2006 ‏ - يىلدىن باشلاپ يىلدا بىر نۆۋەت بېرىلگەن.

كامبودژا ھۆكۈمىتى 2 ‏ - ئاپرىل كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكا ياردەم قىلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ كونا ماشىنىلار ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ماشىنىلارنى پەقەت ئىسكىلاتىنى بىكارلاش ئۈچۈن بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر جازاغا قارىتا پەرۋا قىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن. ئامېرىكا باياناتچىسى بولسا، كامبودژانىڭ 20 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يالغۇز ئامېرىكىنىڭ سۆزىنى چەتكە قېقىپلا قالماي، خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا باياناتچىسى يەنە، بۇ قېتىمقى جازانىڭ كامبودژانىڭ مەزكۇر قىلمىشىغا قارشى بېرىلىدىغان جازالارنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:  "بىز ئەينى چاغدا كامبودژاغا مەزكۇر قارارىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدۇق، بۇ قېتىم قىلغىنىمىز ئەنە ئەشۇ يۆنىلىشتە بېسىلغان بىر قەدەم.

ئامېرىكا باياناتچىسى Philip Crowley نىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، مۇخبىرلار جازانىڭ داۋامى ھەققىدە سوئال سورىغان. ئامېرىكا باياناتچىسى، كېسىلگەن ياردەمنىڭ ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئىكەنلىكىنى، باشقا ساھەدىكى ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كامبودژاغا ھەربىي ساھەسىدىن باشقا يەنە خەلق ئىجتىمائى ئىشلىرى ساھەسىدىمۇ ياردەم پروگراممىسى مەۋجۇت؛ بۇنىڭ قىممىتى 60 مىليون دوللار ئەتراپىدا.

كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دەسلەپتە مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت كامبودژانىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئارقىدىن، مەسئۇلىيەتنى ب د ت نىڭ پاناھلىق ئىشخانىسىغا ئارتىپ، ب د ت بۇ بالىلارنىڭ ئىشىنى تېز بىر تەرەپ قىلمىدى، دەسلەپكى بىر ئاي ئىچىدە 20 ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادا بارلىقىنى بىزمۇ بىلمەيتتۇق ۋە خىتايمۇ بىلمەيتتى دېگەن ۋە ب د ت پاناھلىق ئىشخانىسىنى "ھورۇنلۇق قىلدى" دەپ ئەيىبلىگەن.

كامبودژا دەسلەپكى چاغلاردا، 20 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلىشىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان؛ ئەمدىلىكتە بولسا، خىتاينىڭ تەلىۋىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى، كامبودژادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى ئەۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن كامبودژا ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ 20 ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەپلىك، ھەربىي ياردەمنى كېسىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

20 ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلىشى، ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلارغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا، بۇ پاجىئەنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق ئويغا سالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن مىللىي ھەرىكەتتە يېڭى يول، يېڭى شەكىللەر ئۈچۈن ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كامبودژا باياناتچىسى بۈگۈنكى سۆزىدە، 20 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنە كامبودژانى ئاقلاشقا تىرىشقان، ئۇ پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرغانلارنىڭ يالغۇز كامبودژا ئەمەسلىكىنى، تايلاندنىڭمۇ يېقىندا لاۋستىن قېچىپ كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن موڭ مىللىتىدىن بولغان پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرۇۋەتلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 1 - ئاپرىل كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كامبودژاغا قوللانغان بۇ قېتىمقى تەدبىرىگە ئاپىرىن ئوقۇغان ۋە خەلقارا جامائەتنى 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت