كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ئائىلىلىرىدىن سىر تۇتۇلماقتا

ئۆتكەن يىلى دېكابىردا خىتاي ھۆكۈمىتى 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىنى كامبودژادىن قايتۇرۇپ ئەكەتكەندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەت بۇ 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەلۇمات سورىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Scot Marciel ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Hor Namhong ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Scot Marciel ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Hor Namhong ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.phnompenhpost.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇنىڭ بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇش ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىق ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يەنى ئۇلارنى خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، تۇتقۇنلارنىڭ تېگىشلىك قانۇنىي ھەقلىرىگە ساھىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن.

يېقىنقى ئىگىلەشلىرىمىزدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئائىلىلەر پەرزەنتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى پەقەت كوچا خەۋەرلىرىدىن ئاڭلىغان.

بىز بۈگۈن كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ئىبراھىم ئىسلامنىڭ دادىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

بۇ مەلۇماتتىن قارىغاندا، كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇش ھەققىنىڭ ئەسلا بولمىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىلا دۇنيانى ئالداپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت