ستېپھېن خارپېر خىتايغا باش ئەگمىدى

كانادا باش مىنستىرى ستېپھېن خارپېر خىتايغا قىلغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ ستېپھېن خارپېرنىڭ كانادا باش مىنىستىرى بولغاندىن كېيىنكى، ئۈچ يىل جەريانىدا، خىتاي دۆلىتىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2009-12-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادا باش مىنىستىرى ستىفېن خارپېرنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندىكى كۆرۈنۈشلەردىن بىرى. 2009-يىلى 3-دېكابىر، بېيجىڭ.
كانادا باش مىنىستىرى ستىفېن خارپېرنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندىكى كۆرۈنۈشلەردىن بىرى. 2009-يىلى 3-دېكابىر، بېيجىڭ.
AFP Photo

خارپېرنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشقا ئانچە ئالدىراپ كەتمەسلىكىدە،ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلە - ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىن باشقا، خىتايدىكى ئىقتىسادى گۈللىنىشكە تەتۈر تاناسىپ ھالدا، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ بارغانسىرى ئارقىغا چېكىنىشى قاتارلىقلار ئاساسلىق سەۋەب بولغان. كانادا باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئەدلىيە، ساياھەتچىلىك ۋە سودىغا ئوخشاش ساھەلەردە بەزى كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى ستېپھېن خارپېرنىڭ خىتاي سىياسىتىنى قىسقىسى، بۇ ئاتالمىش كېچىككەن زىيارەتنى تەنقىد قىلىش، ئەيىبلەش پوزىتسىيىسىدە بولدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرى بولسا، خارپېرنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى جەريانىدا، ئۇنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىدىن ئىبارەت كانادانىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىست مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە باش ئەگمىگەنلىكى،قىسقىسى بۇ زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان ستېپھېن خارپېر شاڭخەيدە، كانادا خىتاي سودا جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، ئىقتىسادى ھەمكارلىق بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر - بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى، كانادانىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ " كانادا خىتاي بىلەن بولغان كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرىدە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى داۋاملىق تىلغا ئالىدۇ. بىز ئۆز ‏ - ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىقتىسادى شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدەنگىمىزگە ئوخشاش، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتىدىكى كۈچلۈك قوللىغۇچىسى ۋە شېرىكى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز " دېدى.

ھارپېر يەنە، كانادانىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش جەھەتلەردە ياردەم بېرىشتىن باشقا، يەنە بەزى جەھەتلەردە خىتاينىڭ كاناداغا ئېھتىياجى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ " خىتاي مۇقىم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجى بار. كانادا بولسا،غايەت زور تەبىئىي بايلىق مەنبەسىگە ئىگە دۆلەت. بىز خىتاينى ھەرخىل ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز " دېدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان نوختا بولسا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئاممىۋىي دىپلوماتىك سورۇندا ھارپېرنىڭ بۇ زىيارەتنى بەكلا كېچىكتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى دارىتمىلىق تەنقىدى سۆزلىرى ئىدى. خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەتبۇئاتلىرى بۇنى ۋېن جياباۋ ھارپېرنىڭ ئەدىپىنى بەردى، دەپ خەۋەر قىلدى. كانادا مەتبۇئاتلىرى ۋېن جياباۋنىڭ دىپلوماتىك ئەخلاقتىن چەتنىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان،دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇۋاتقان ۋە ئۆز خەلقىنى ئۆزى قانلىق باستۇرۇۋاتقان خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتنىڭ كانادادەك دېموكراتىك بىر دۆلەتكە دەرس بېرىش ھەققىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

كانادادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان "يەر شارى پوچتىسى گېزىتى " دە ئېلان قىلىنغان "خارپېر كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق تەكىتلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى" ناملىق ماقالىدە، ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرىنىڭ 5 يىلدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشىدە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياۋباۋنىڭ تەنقىدىگە جاۋابەن خارپېرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە دېموكراتىيەلىشىش مەسىلىسىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتكەنلىكىنى يازغان بولسا، مەزكۇر گېزىتتە ئوبزورچى نورمان سپەكتور تەرىپىدىن يېزىلغان "خارپېر باش ئەگمىدى" ناملىق يەنە بىر ماقالىدە، "ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارىتا خارپېر ئەپەندى، بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتكەن بۇ 60 يىل بەكلا ئۇزۇن ئىدى، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما سۈرگۈن قىلىنغان 50 يىل تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىدى شۇنداقلا تيەنئەنمېن ۋەقەسى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 20 يىللاپ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىدى، دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا بولاتتى، تازا جايىدا بولاتتى دەپ يازدى.

"كالگارى ئەلچىسى" ناملىق گېزىتتىدىكى "خىتاينىڭ يۈزى قىزىرىشى كېرەك ئىدى" ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ،كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماقتا، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغماقتا، ئۆز خەلقىگە قارىتا قاتتىق باستۇرۇشلارنى ئېلىپ بارماقتا. ئەگەر خىتاي بۇ ھەركەتلىرىنى توختاتمىسا، كانادا ئەڭ ياخشىسى، خىتايدىن ئۇزاق تۇرغىنى ياخشى دىيىلگەن.

"دۆلەتلىك پوچتا" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "ۋېن جياباۋنىڭ نېمە ئويدا بولۇشى بىلەن كىمنىڭ كارى" ناملىق ماقالىدە ۋېن جياباۋنىڭ دىپلوماتىك ئەدەپ - قائىدىلەرگە خىلاپ ھالدا، خارپېرنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە بۇ زىيارەتنىڭ بەكلا كېچىككەنلىكىنى ئەتەي ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەنلا، بىزنىڭ باش مىنىستىرنىڭ يۈزى تۆكۈلەمدۇ؟ ۋېن ئەپەندىنىڭ تەلۋىلىكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، بۇ بىزنىڭ مەسىلىمىز ئەمەس. خىتاي پۈتۈن ھوقۇق بىر پارتىيىگە مەركەزلەشكەن زوراۋان دۆلەت. دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن ئۆز پۇقرالىرىنى سۆۋېت ئىتتىپاقى شەكلىدىكى جازا لاگىرلىرىغا تاشلاۋاتقان بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى دىپلوماتىك سورۇنلاردا بىزنىڭ يۈزىمىزنى چۈشۈردىمۇ ‏ - يوق دېگەننى مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇشقا پەقەتلا ئەرزىمەيدۇ دەپ يازدى.

مەزكۇر گېزىتتىكى "كانادانىڭ باشقىلارنىڭ تەربىيىسىگە ئېھتىياجى يوق" ناملىق مەخسۇس ۋېن جياباۋغا قارىتىپ يېزىلغان خەتتە:

-- ھۆرمەتلىك ۋېن جياباۋ ئەپەندى، سىز قاچان كانادادىكى جاسۇسلىرىڭىزنى قايتۇرۇپ كېتىسىز ؟ بىز بۇ جاسۇسلىرىڭىز سەۋەبىدىن ھەر ئايدا نەچچە ئون مىليارد دوللاردىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز، دېيىلدى.

"پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى" گېزىتىدە گېئوفف ديېر تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە بولسا، ستېپھېن خارپېر غەرب دۆلەتلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەڭ كۆپ تەنقىد قىلغان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، پۇل ۋە سودا ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان خارپېرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاياق باسمىغانلىقى ۋە دالاي لامانى پارلامېنتتا يوقىرى دەرىجىدە قارشى ئالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى كانادا دىپلوماتىيىسىنىڭ ئەڭ موھىم تەركىپى قىسمىغا ئايلاندۇرغانلىقى، يېزىلدى.

"يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىدىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 62% كانادالىق ستېپھېن خارپېرنىڭ خىتايغا قارىتا ئاشكارا كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيىسى يۈرگۈزۈشىنى قوللىغان. "دۆلەتلىك پوەتا" گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، كانادا سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ 69 % ى سېتېپھېن خارپېرنىڭ ئاشكارا شەكىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيىسى خىتاي خەلقىغە تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارىغان.
    
 
تولۇق بەت