كانادا مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان خىتاي ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق نوبېل مۇكاپات ئىشلىرىغا قارىتا قىلمىشلىرى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئوبزورچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن
2010-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نوبېل مۇكاپات چوممىتەتىنىڭ رەئىسى Thorbjoern Jagland ۋە Kaci Kullmann Five، ليۇ شاۋبوغا ئاتاپ قويۇلغان ئورۇندۇق ۋە تەقدىرنامە بىلەن.
نوبېل مۇكاپات چوممىتەتىنىڭ رەئىسى Thorbjoern Jagland ۋە Kaci Kullmann Five، ليۇ شاۋبوغا ئاتاپ قويۇلغان ئورۇندۇق ۋە تەقدىرنامە بىلەن.
AFP

بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ليۇ شاۋبونىڭ ئورۇندۇقىنىڭ بوش قالغانلىقى، شۇنداقلا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىراپ-سالدىراپ كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇكاپات ئىجات قىلىپ، ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە بەرگەنلىكى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئوبزورچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشىغا سەۋەب بولدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە ماقالە، ئوبزورلار ئېلان قىلىۋاتقان ئاپتورلار كانادا دۆلەت پوچتىسى گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى كەللى مەك پارلاند، پروفېسسورلاردىن كىرىستوفېر رەئۆ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تورونتودا شۆھرەت قازانغان، ماپلە لەئۆف يەنى ئوق ياغاچ يوپۇرمىقى دەپ ئاتىلىدىغان مۇز توپ كوماندىسى بار بولۇپ، بۇ كوماندىنىڭ ماھىر توپچىسى كوم سۇنى، نھل دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق مۇز توپ مۇكاپاتىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ شەخسى بىر مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنى ئۆزى بۇ ساھەدە كىمنى ياخشى كۆرسە شۇنىڭغا بېرىپ،كانادا مۇز توپ ساھەسىدە كۈلكە پەيدا قىلغان ئىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەردە، خىتاينىڭ كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئەنە شۇ مۇز توپ مۇكاپاتىغا تەقلىد قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت