خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كانادادا نامايىش

2007-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Namayish-Kanada-100107-200.jpg
2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كانادا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىش. RFA Photo

كانادانىڭ كانگارى شەھىرىگە كانادانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ئۇيغۇرلار، خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى ئىپادە قىلغان شوئارلارنى توۋلىغان ھالدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

1- ئۆكتەبىر خىتاينىڭ بايرام كۈنىنى ئۆزىنىڭ ماتەم كۈنى دەپ تونۇغان بۇ ئۇيغۇرلار، " ھەي ئەركىن دۇنيا پۇقرالىرى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ھەق ھوقۇقلىرىنى قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىلەر؟..." دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشنى ، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ شوئارلار ياڭراتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىلنىڭ نامايىش نەق مەيدانىدىن بەرگەن خەۋىرىنى ئاڭلايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت