كانادادىكى سايلامدا قېيۇم مەسىمۇف كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

سايلام كانادانىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان شەھەرلەردە ئايرىم-ئايرىم بىلەت تاشلاش ساندۇقى تەسىس قىلىش شەكلى بىلەن داۋام قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2012-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادادىكى سايلامدا قېيۇم مەسىمۇف كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. 2012-يىلى 27-ماي.
كانادادىكى سايلامدا قېيۇم مەسىمۇف كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. 2012-يىلى 27-ماي.
RFA/Gulshen

27-ماي كۈنى تورونتو ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن كەچ سائەت 6 گە قەدەر كانادا ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2012-يىللىق سايلىمى كانادانىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تورونتو مونتېرىيال، ۋانكوۋېر، كالگارى، ئەدمىنتون، ۋىنسور قاتارلىق شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى.

مەركىزى بېلەت تاشلاش رايونى ھېسابلانغان تورونتو سايلام رايونى تورونتودىكى سۇننىبروك باغچىسىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن كانادا ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2012-يىللىق سايلىمى دېگەن چوڭ خەتلىك لوزۇنكىلار باغچىغا ساياھەتكە كەلگەن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتاتتى. مەيدىلىرىگە كانادا ئۇيغۇرلىرى سايلام كومىتېتى دېگەن ئىسىم كارتۇشكىلىرىنى ئاسقان سايلام كومىتېتىنىڭ 7 نەپەر ئەزاسى ۋە بۇ سايلامغا خالىس ساھىبخانىلىق قىلىش ئۈچۈن ھازىر بولغان 20 گە يېقىن ساھىبخانا ياشلار شۇ كۈنكى سايلامنىڭ رەتلىك تەرتىپلىك ۋە سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلدى. سايلامغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ يىللاردىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان.

سايلام جەريانىدا، يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توكيودا ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن ئەكرەم ئەپەندى قۇرۇلتاي ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

سايلام جەريانىدا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە يەكۈنلىگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرىدىن مەلۇمات بەردى.

سايلام كومىتېتى يەنە، يېقىندا كانادادىكى نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ بىرى بولغان كانادالىقلار ۋە تالانت پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۈرگەن ئايگۈل مۇھەممەتكە سوغا تەقدىم قىلدى.

بۇ قېتىمقى سايلام جەريانىدا، ھاشىمجان تۇراق بىلەن قېيۇم مەسىمۇف كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىنى تالىشىش رىقابىتىگە قاتناشقان بولۇپ، كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىن كەلگەن ھاشىمجان تۇراق كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانسا نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

بۇ قېتىم سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان يەنە بىر نامزات كانادانىڭ كۆبەك ئۆلكىسىدىن كەلگەن قېيۇم مەسىمۇف كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان تەقدىردە قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

قېيۇم مەسىمۇف يەنە ئۇز غايىلىرىنى ئىنگلىزچە ۋە فرانسۇزچە تىللاردىمۇ شەرھلەپ ئۆتتى.

شۇ كۈنى تورونتو ۋاقتى كەچ سائەت 6 دە، تورونتودىكى مەركىزى بىلەت تاشلاش رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلغان بىلەت تاشلاش ساندۇقىدىن چىققان بىلەت نەتىجىسىدە قېيۇم مەسىمۇف 162 ئاۋاز بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئىنگلىزچە ۋە فرانسۇزچە كانادانىڭ دۆلەت تىلى. بۇ قېتىم كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان قېيۇم مەسىمۇف ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە ۋە تۈركچىگە پىششىق بولۇپ، ئۇنىڭ تاشكەنت، ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ فرانسۇز ئاپتونوم ئۆلكىسى ھېسابلانغان كۆبەك ئۆلكىلىرىدە كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇغانلىقى مەلۇم.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۇنجى قېتىم ئىنگلىزچە ۋە فرانسۇزچە بىلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بېشىغا كېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن شۇنداقلا كانادادىكى ئۇيغۇر داۋاسى ئاكتىپلىرىنىڭ ساپا جەھەتتە خەلقئارانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماسلىشىش يولىدا كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

Yahxi saylam bolghan chiray, dawamliq tirishingla!

May 30, 2012 02:31 PM

تولۇق بەت