كانادانىڭ ئوشاۋا شەھەرلىك كۇتۇپخانا ئۆتكۈزگەن يىپەك يولى فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

يېقىندا كانادانىڭ دۇرىم ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئوشاۋا شەھەرلىك كۇتۇپخانا ئۆتكۈزگەن يىپەك يولى فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2012-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئوشاۋا كۇتۇپخانىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ساللي چلارىك خانىم يىپەك يولى فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە. 2012-يىلى ئاۋغۇست، كانادا.
ئوشاۋا كۇتۇپخانىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ساللي چلارىك خانىم يىپەك يولى فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە. 2012-يىلى ئاۋغۇست، كانادا.
RFA/Gulshen

ئوشاۋا شەھەرلىك كۇتۇپخانا رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە تارىختىكى يىپەك يولىنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، ئەمما ئوشاۋا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ھەر يىلى بۇ كۇتۇپخانا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان يىپەك يولى فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلار قاتناشماي كەلگەن ئىكەن. بۇ قېتىمقى يىپەك يولى فېستىۋالىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كىرىپ كېلىشى كۆپ خىللىققا ئىگە قەدىمى يىپەك يولى مەدەنىيىتىدىكى بىر بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئوشاۋا كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىپەك يولى فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرۇلدى. 2012-يىلى ئاۋغۇست، كانادا.
ئوشاۋا كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىپەك يولى فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرۇلدى. 2012-يىلى ئاۋغۇست، كانادا. RFA/Gulshen

ئوشاۋا شەھەرلىك كۇتۇپخانا ئۆتكۈزگەن يىپەك يولى فېستىۋالىدا،كۇتۇپخانا رەھبەرلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، باشقا مىللەت مەدەنىيەتلىرىگە قارىغاندا بىر قاتار كەڭرى يەر بەرگەن بولۇپ،كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرۇشتىكى ياخشى بىر پۇرسەت دەپ قاراپ، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى، مۇزىكا ئەسۋابلىرى مەدەنىيىتى، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، پىچاق مەدەنىيىتى، كەشتىچىلىك مەدەنىيىتى، يىپەك ئەتلەس مەدەنىيىتى، گىلەمچىلىك مەدەنىيىتىگە ئائىت 50 تۈردىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.

3 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان فېستىۋال جەريانىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە مەركىزى فېستىۋالدىكى ئەڭ ئاۋات مەركەزلەرنىڭ بىرى بولۇپ نۇرغۇنلىغان كانادالىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى قىزىقىش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە «سىلەر ھەقىقەتەن خىتاي ئىچىدە ياشاۋاتقان، ئەمما خىتايغا ھېچ ئوخشىمايدىغان بىر مىللەت ئىكەنسىلەر» دېيىشتى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغۇچى خادىملار ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلاردا 100 دىن ئارتۇق دوپپا تۈرى بارلىقىنى، ھەر بىر ۋىلايەت ۋە شەھەرلەر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس دوپپىلىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرگەندە، كانادالىقلار ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى باشلىرىغا كىيىشىپ رەسىمگە چۈشتى.

فېستىۋال جەريانىدا كانادالىقلارنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ باش ياغلىقى ئۈستىگە قوندۇرۇۋالىدىغان كېرىيە دوپپىسى بولۇپ، ئۇلار بۇ مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن يىپەك يولىدا تېخى ئېچىلمىغان مەدەنىيەت سىرلىرى بار ئىكەن دېيىشتى.

بۇ قېتىمقى يىپەك يولى فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغىنى، ئوشاۋا شەھەرلىك كۇتۇپخانىدىكى يىپەك يولى فېستىۋالىنى تەشكىللىگەن خادىملار ۋە بىر قىسىم كۆڭۈل ياردىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ بويۇنلىرىغا ئۇيغۇر ئەتلەس شارپىسى ۋە باشلىرىغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ خىزمەت قىلىشى بولدى.

يىپەك يولى فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىپلا قالماي يەنە، ئۇيغۇر سېرك ئويۇنى ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇلى كۆرسىتىلدى.

فېستىۋالغا قاتناشقان دۇرم ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاجاكس، ۋىتبى قاتارلىق شەھەرلەر كۇتۇپخانىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرى بۇندىن كېيىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەر ۋە كۇتۇپخانىلار ئۆتكۈزىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ يەر بېرىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر ئورتاق جۇلالىنالايدىغان كانادادا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كانادا مىقياسىدا تۇنجى قېتىم مۇكەممەل ھالەتتە يىپەك يولى فېستىۋاللىرىدا يەر ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت