كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى "شىنجاڭ تۇڭشياڭخۈي" ھەققىدە توختالدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە "شىنجاڭ تۇڭشياڭخۈي" قۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس ھەقسىز ساياھەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق خىتاينى تەشۋىق قىلىش ھەرئىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا. يېقىندا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە قۇرۇلغان "شىنجاڭ تۇڭشياڭخۈي" ئى بۇنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن
2010-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم
RFA/Gulshen
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە سورالغان بىرقانچە تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت