كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى

كانادا ئۇيغۇر پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆزبېكىستاندىىن خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە 4 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولۇپ قالدى. ھازىر ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 2 - تۈرمىگە قامالغانلىقى مەلۇم.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA File

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئايالى كامىلە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ قەشقەردىكى 70 ياشلىق ئانىسى بىلەن ئاچىسىنىڭ ئۇنى 4 ‏ - ئايدا بىر قېتىم يوقلىشىغا رۇخسەت قىلغاندىن باشقا، ئۇ ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەش بولمىغان.

ھۈسەيىن جېلىل مەجبۇرىي ھالدا ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئەينى چاغدا، بۇ ۋەقەگە كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېر ئىنتايىن جىددىي قارىغان ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، "مەن پۇقرالىرىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دوللارغا تېگىشمەيمەن" دېگەن ئىدى.

ستېۋېن خارپېرنىڭ بۇ كەسكىن مەيدانى ئۆزلىرىنىڭ كېلەچەك تەقدىرىنى خەلقئارا قانۇن - نىزام ۋە كىشىلىك ھوقۇق يوللىرىدىن ئىزدەۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئۈمىدلەندۈرگەن ئىدى شۇنداقلا ئەينى چاغدا كانادا خەلقىمۇ كۆپ مىللەتلىك كانادانىڭ يېڭى بىر ئەزاسى سانالغان ئۇيغۇرلارنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئارقىلىق تونىغان ئىدى.

خىتاي كانادانىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىپ تۈرمىگە تاشلىغاندىن بۇيانقى 4 يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كانادادا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. مەسىلەن، كانادا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ۋە بۇنىڭغا يانداش خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتقانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاي بىلەن كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە خىتاي‏ - كانادا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان سوغۇقچىلىق چۈشتى.

كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېر بۇلتۇر خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى. كانادا مەتبۇئاتلىرىدا، ھەتتا كانادا پارلامېنتىدا كانادانىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر داۋاملىشىپ تۇردى. كانادا تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاماغا كانادانىڭ پەخرىي پۇقرالىق سالاھىيىتىنى بەردى. خىتاي تەرەپنىڭ كانادادا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېخنىكا جەھەتتىكى ئوغرىلىق سەتچىلىكى پاش بولدى. كانادا تەرەپ خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈردى. ستېۋېن خارپېر ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلدى.
 
ئەمما، كانادا سودا ساھەسىنىڭ "كانادا خىتايدىن ئىبارەت بۇنداق چوڭ بىر بازارنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك" دەيدىغان چۇقان ‏ - سۈرەنلىرى ئارىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق بىر قەدەم ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻱ - ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﻧﯧﻔﯩﺖ - ﮔﺎﺯ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺵ ﻛﯜﺭﺳﻰ" ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻱ - ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﻧﯧﻔﯩﺖ - ﮔﺎﺯ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺵ ﻛﯜﺭﺳﻰ" ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. www.capc.cn ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ھارپېرنىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا قىلغان "خىتاي تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت ئۇنىڭ ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجى بار، كانادا مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە بىر دۆلەت، خىتاينىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئېنىرگىيىگە بولغان ھەر قانداق ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ " دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن كانادا ‏ - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قار، مۇزلار ئېرىپ كەتتى. خىتاي كانادانىڭ ئالبېرتا قاتارلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى كۆپ ئۆلكىلىرىگە تازا مەبلەغ سېلىشقا باشلىۋىدى، كانادا تەرەپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىتچىلىك ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان تۇربىلارغا قارىتا چېگرا بېجىنى ئاشۇرۇۋەتتى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ‏ - كانادا مۇناسىۋەتلىرىنى بىردە ھومىيىپ، بىردە كۈلۈمسىرەپ قويىدىغان مۇناسىۋەت دەپ قارىماقتا.

بۇ قېتىم خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتى جەريانىدا لەي چاڭشىن مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىدى.

كانادا ‏خىتاي بىلەن بولغان سودا مىقدارىنى 2015 - يىلىغىچە 60 مىليارد دوللارغا چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. خىتاي كانادا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە، ئەسلىدىكى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتتىن، ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلىك ئورنىغا ئۆتكەن بولۇپ، بۇندىن كېيىن كانادانىڭ سۆڭەكسىز كالا گۆشلىرىنى خىتايغا ئىمپورت قىلىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى.

تورونتودا سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى بولۇۋاتقان كۈنلەردە كانادانىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

بۇ قېتىم خارپېر خىتايغا قارىتا قولىنى ناھايىتى كەڭ ئېچىۋەتتى، ھەتتا خىتايغا مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنىمۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتايغا قولىنى كەڭ ئېچىۋېتىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ 24 - ئىيۇن ئوتتاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ قانۇن پرىنسىپلىرى ۋە دېموكراتىيە كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
 
كۆزەتكۈچىلەر كانادانى يىپنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ، بېلىقنى قارماققا ئىلماقچى دېيىشمەكتە.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 24 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﺘﻪﻓﯧﻦ ﺧﺎﺭﭘﯧﺮ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞﻏﺎ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 24 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﺘﻪﻓﯧﻦ ﺧﺎﺭﭘﯧﺮ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞﻏﺎ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. AFP Photo

سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتى ھارپىسىدا، كانادادىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇنگۇڭ قاتارلىق 10 نەچچە تەشكىلات بىرلىكتە كانادا باش مىنىستىرى خارپېرگە خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. خارپېرمۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەسىلىنى چوقۇم خۇ بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىممۇ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھارپېرنىڭ رەسمىي بولمىغان سورۇنلاردا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ‏ - ئالمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.  ئانالىزچىلار، كانادانىڭ خىتاينى" ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى يوغان ئېچىۋېتىپ، ئاندىن ئۇنى بىر بۇلۇڭغا قىستاپ قويۇۋاتقانلىقى " نى، بۇ يول بىلەن خارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئۆزى كۈتكەن كىشىلىك ھوقۇق يولىغا باشلاۋاتقانلىقىنى ئانالىز قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت