كارل گېرشمان: ئەركىنلىك ھېچكىم بېرەلەيدىغان سوۋغات ئەمەس

تۇنىستا پارتلاپ، كۆپلىگەن ئەرەب ئەللىرىگە يامرىغان «ياسىمەن ئىنقىلابى» خىتاينىمۇ بىسەرەمجان قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشى بېيجىڭدا چوڭ يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلدە ساقچى ماشىنىسى تيەنئەنمېن مەيدانىدا چارلاش ئېلىپ باردى. 2011-يىلى 3-مارت.
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشى بېيجىڭدا چوڭ يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلدە ساقچى ماشىنىسى تيەنئەنمېن مەيدانىدا چارلاش ئېلىپ باردى. 2011-يىلى 3-مارت.
AFP

باش شتابى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى پرېزىدېنتى كارل گېرشمان بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھالقىلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كارل گېرشمان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «دېموكراتىيىگە قارشى ئىنكاسلار» ناملىق ماقالىسىدە خىتاينىڭ «ياسىمەن ئىنقىلابى» چاقىرىقىدىن كېيىن، باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان كارل گېرشمان ئەپەندى مۇنداق دېدى: خىتاينى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى، خىتاي يېقىندىن بۇيان كۈچەيتكەن باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە «ياسىمەن ئىنقىلابى» دىن كېيىن خىتايدا كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلدى.

كارل گېرشمان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا بۇ خىلدىكى باستۇرۇش 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى مەزگىلىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. ھالبۇكى، خىتايدا «ياسىمەن ئىنقىلابى» چاقىرىقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل باستۇرۇش تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.

كارل گېرشمان ماقالىسىدە نۆۋەتتىكى دىكتاتورلارنىڭ «ياسىمەن ئىنقىلابى» دىن قورقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىر ئەرۋاھ-يەنى ‹ياسىمەن ئىنقىلابى› ئەرۋاھى دۇنيادا ئېشىپ قالغان دىكتاتورلارغا چاپلاشتى»، دەپ يازغان.

كارل گېرشمان ماقالىسىدە، تۇنىس ۋە مىسىردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتىن كېيىن، زامبىيە، ئىران، ئەزەربەيجان، بېرما، شىمالىي كورىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان ياكى كۆتۈرگۈسى دېموكراتىيە قاراشلىرىنى ھەرخىل شەكىلدە باستۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ماقالىسىدە، 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ «خىتاي باشقا دىكتاتور دۆلەتلەرگە قان بېرىش ماشىنىسى» دەپ يازغان ۋە دۇنيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، خىتاينىڭ ئاچقۇچلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ، بېرما، شىمالىي كورىيە ۋە كۇبا قاتارلىق دىكتاتور دۆلەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن كارل گېرشمان بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر خىتاي دېموكراتىيە يولىغا قاراپ قەدەم ئالسا، خىتاينىڭ ئۇ خىلدىكى دۆلەتلەرنى قوللاش خاھىشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ-دە بۇ، ئاشۇ دىكتاتورىلىق تۈزۈمىدىكى رېجىملارنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كارل گېرشمان ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن دېموكراتىيە نامايىشلىرىدىن يىراق شەرقتىكى خىتاينىڭ نېمىشقا بۇنداق ئەنسىرەپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، تۇنىس قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ خىتايدىمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كارل گېرشمان ئەپەندى تۇنىستا پارتلىغان نامايىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەت بيۇروكراتلىرىنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ، بارلىق ياشاش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان باققال مۇھەممەد بوۋئەزىزىنىڭ ئۆز نالىسىنى ئاڭلايدىغان يەر تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى، بۇنىڭ تۇنىستا 23 يىل ھاكىمىيەت سۈرگەن بىن ئېلى دىكتاتورىلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارل گېرشمان مۇنداق دېدى: بۇنداق ئىشلار، سۆز-ئىپادە ئەركىنلىكى بولمىغان، ياكى نارازىلىق ئىپادىلەيدىغان باشقا قاناللار بولمىغان ھەرقانداق بىر يەردە يۈز بېرىشى تامامەن مۇمكىن. دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەر؛ سەۋرچان بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنداق دۆلەتلەردە پارتلاش خاراكتېرلىك ۋەقەلەر ئاسان يۈز بېرىدۇ. تۇنىستىمۇ شۇنداق بولدى. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنسىرىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن.

مۇھەممەد بوۋئەزىزى 2010-يىلى 17-دېكابىر بىر يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. مۇھەممەد بوۋئەزىزى 2011-يىلى 4-يانۋار قازا قىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر تۇنىس خەلقىنىڭ مىللىي قەھرىمانىغا ئايلانغان.

كارل گېرشمان ئاخىرىدا ئوتتۇرا شەرقتە غەلىبىگە ئېرىشكەن دېموكراتىك ئىنقىلاب باشقا رايونلارغا تارقىتىدىغان سىگنال ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئىنقىلابنى پەقەت ئوتتۇرا شەرق خەلقنىڭ ئۆزى قىلغانلىقىنى، ئىنقىلابنى ئامېرىكا ياكى ياۋروپانىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: بۇ ئىنقىلابنى پەقەت ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتىدىن رازى بولمىغان خەلق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىدە بۇنداق كۈچ بار ئىدى. ئۇلار ھېچكىمنىڭ كېلىپ، بۇ ئىنقىلابنى ئۆزى ئۈچۈن قىلىپ بېرىشىنى كۈتمىدى. ئەركىنلىك ھېچكىم بېرەلەيدىغان سوۋغات ئەمەس. ئۇ، ھەر ئادەم ئۆزى كۈرەش قىلىپ ئېرىشىدىغان نەرسە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت